UyghurMain Dictionary
ئىمىش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مەلۇم پاكىتلارغا ياكى باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسەن كېيىن بىلگەن ياكى يېڭىدىن بىلگەن تەرزدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىغان، يەنى <ئىكەن> مەنىدىكى ياردەمچى سۆز.
كارىز سۈيى تاتلىق بولار ئىمىش.
ئاق ئەتىرگۈل بوغىنىم، بولدى ئېغىر جىنايەت، چۈنكى ئىمىش ئاق رەڭگىم گۈزەللىككە خىيانەت.
جۈملىدىكى ئىشنىڭ باشقىلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتىلغانلىقىنى ھەم بۇ ئىشنىڭ سۆز بولۇۋاتقان ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بۈگۈنكى كىنو بەك ياخشى ئىمىش.
سەن بەك ھاكاۋۇر ئىمىشسەن، ئۇ سەندىن قورقار ئىمىش.
ئىگە - خەۋەر مۇناسىۋىتىدىكى جۈملىلەردە خەۋەرنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ، باشقىلارنىڭ سۆز - ھەرىكىتىنى مەنسىتمەسلىك، مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
- بۇنداق دەيدىغانلار يەنە خېلى كۆپ ئىمىش، - دېدى خوتۇنى ئادىلنىڭ سۆزىگە پەرۋا قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ.