Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېمېرسون
دۇنيا تارىخى
爱默生
ài mò shēng
(1803 - 1882) ئامېرىكىلىق نەسرىي ئەسەرلەر يازغۇچىسى، شائىر، ئەزىلىيەتچى يازغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى. بوستۇندىكى پوپ ئائىلىسىدىن چىققان. 1821 - يىلى خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. پوپ بولغان. توي قىلىپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىنلا ئايالى ئۆلۈپ كېتىپ، روھىي جەھەتتىن تەسىرگە ئۇچرىغان، شېئىرلىرىنىڭ تولىسى غەمكىنلىككە تولغان. 1832 - يىلى ياۋرۇپاغا ساياھەتكە بېرىپ، كارلىلې قاتارلىق ئەدىبلەر بىلەن كۆرۈشكەن. ياندۇرقى يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. ئەسەرلىرى ۋە نوتۇقلىرىدا ئۈمىدۋارلىق روھ بىلەن، خرىستىئان دىنىي ئەخلاق - پەزىلىتىنى تەرغىپ قىلغان. تەبىئەتكە يېقىنلىشىشنى، ئۆزىنىڭ بىۋاستە كۆزىتىشىگە تايىنىپ كونىنى تاشلاپ يېڭىنى تىكلەشنى تەشەببۇس قىلغان، ئۇلۇغ ئادەملەرنى <ئاجايىپ روھ> نىڭ سمۋولى دەپ ھېسابلىغان ھەمدە كاپىتالىزم جەمئىيىتىنى تەنقىد قىلغان، مۆتىدىل ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مىللىي ئەدەبىياتنى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدىكى ئىدىيىسى قويۇق سىرلىق تۈس ئالغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى <ۋەكىل ئەربابلار>، <ئىنگلىزلارنىڭ خاراكتېرى>، <جەمئىيەت ۋە غېرىبلىق>، <ماقالىلەر توپلىمى> شۇنىڭدەك شېئىرلادىن تاللانما، كۈندىلىك خاتىرىلەر ۋە خەت - چەكلەر قاتارلىقلار بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
埃默森
āi mò sēn