UyghurMain Dictionary
ئىممۇنىتېتلىق ئېېكتروفورېز
بىئولوگىيە
ئېلېكتروفورىز بىلەن ئاگاردا دىففۇزىيىلىنىپ چۆكۈش رېئاكسىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىش ئۇسۇلى. يەنى، ئالدى بىلەن قان زەردابى ياكى باشقا ئاقسىللىق ئانتىگېننى ئاگار تاختىسىنىڭ تۆشۈكىگە كىرگۈزۈپ ئېلېكتوفورېزلىغاندا ئانتىگېننىڭ تەركىبى ئېلېكتر مەيدانىدا تارقىلىدۇ، ئاندىن كېيىن ئاگار تاختىسى ئۈستىگە بىر پاراللېل ئوقۇر ئويۇپ ئۇنىڭغا ئانتىسېۋوروتكا قۇيسا ئۇ تارقىلىپ كەتكەن ئانتىگېن تەركىبلىرى بىلەن ئۆز ئارا دىففۇزىيىلىنىپ چۆكۈش رېئاكسىيىسىگە كىرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان ئانتىگېن تەركىبلىرى ئانتىتېلا بىلەن ئايرىم - ئايرىم رېئاكسىيىلىشىپ چۆكۈش بەلغېغىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇنداق ھاسىل بولغان بەلباغ يالغۇز ئاگاردا دىففۇزىيىلەپ ھاسىل قىلىنغان چۆكۈش بەلبېغىدىن كۆپ بولىدۇ. بۇ ئانتىگېن ياكى ئانتىسېۋوروتكىنىڭ تەركىبىنى ئانالىز قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.