UyghurMain Dictionary
ئىممانۇئېل
دۇنيا تارىخى
(1820 - 1878) ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ كورۇلى (1849 - 1861)، ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ كورۇلى (1861 - 1878)، 1848 - 1849 - يىللاردىكى ئىتالىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى بىرىنچى قېتىملىق مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ساردىنىيە قوشۇنى نوۋارادىكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دادىسى ئالبېرتنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، <پېيېمونت ئاساسىي قانۇنى> نى داۋاملىق ئىجرا قىلغان. كېيىن كاۋورنى باش ۋەزىر قىلىپ، بۇرژۇئا ھۈرىيەتچىلىرىنىڭ ئىتالىيىنى يۇقىرىدىن باشلاپ، تۆۋەنگىچە بىرلىككە كەلتۈرۈش فاڭجېنىنى قوللانغان. سىرتقا قارىتا فرانسىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. ئىچكى جەھەتتە بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدىكى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلەرگە قارشى تۇرغان. 1855 - يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقى قوشۇنىنى ئەۋەتىپ قىرىم ئۇرۇشىغا قاتناشتۇرغان. 1859 - يىلى فرانسىيە بىلەن بىرلىشىپ ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، لومباردىنى ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋالغان. 1860 - يىلى باما، مودېنا ۋە توسكانانى قوشۇۋالغان ھەمدە سىتسىلىيە ئارىلىدىكى خەلق قوزغىلىڭى ۋە گارىبالدىنىڭ قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشىدىن پايدىلىنىپ، ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋالغان. 1861 - يىلى 3 - ئايدا پرۇسسىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ۋېنېتسىيىنى قايتۇرۇۋالغان. 1870 - يىلى ئىتالىيە ئارمىيىسى رىمنى ئازاد قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشى ئورۇندالغان. 1871 - يىلى رىمنى پادىشاھلىقنىڭ پايتەختى دەپ جاكارلىغان. كېيىن سىرتقا قارىتا تەدرىجىي ھالدا پرۇسسىيە ۋە ئاۋسترىيە بىلەن يېقىنلىشىش فاڭجېنىنى ئىجرا قىلغان، ئىچكى جەھەتتە پومېشچىكلار ۋە بۇرژۇئازىيىگە تايىنىپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان.