UyghurMain Dictionary
ئېلزاس
دۇنيا تارىخى
فرانسىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى بىر رايونى. رېين دەرياسى بىلەن ۋوسگې تېغىنىڭ ئوتتۇرۇسىغا جايلاشقان. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فرانك پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. كارلوس ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، 843 - يىلى ئىمزالانغان <ۋېردىن شەرتنامىسى>غا ئاساسەن ئېلزاس ئوتتۇرا پادىشاھلىقىغا ئايرىپ بېرىلگەن. 870 - يىلى شەرقىي فرانك پادىشاھلىقى (گېرمانىيە) غا تەۋە بولغان. 30 يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇنىڭ كۆپ قىسمى فرانسىيىگە قوشۇلغان؛ كېيىن ئۇنىڭ قالغان قىسمىمۇ كەينى - كەينىدىن فرانسىيگە قوشۇلغان. پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، فرانسىيە 1871 - يىلى ئېزاس ۋە لوردىننىڭ شەرقىي قىسمىنى گېرمانىيىگە بۆلۈپ بەرگەن. 1919 - يىلى <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى>گە ئاساسەن فرانسىيىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. 1940 - يىلى يەنە گىتلېر گېرمانىيىسى يۇتۇۋالغان. 1945 - يىلى فرانسىيە يەنە بىر قېتىم ئېلزاسقا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ھازىر ئۇ يۇقىرى رېين ئۆلكىسى ۋە تۆۋەن رېين ئۆلكىسىگە ئايرىلغان.