Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئىلتىپات ئىزدەپ تاۋاپ قىلىش
Domain: دۇنيا تارىخى求恩朝觐
qiú ēn cháo jìn
1536 - 1537 - يىللىرى ئەنگىلىيىنىڭ لىنكولىن، يوركتىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايىتىدە پارتلىغان قوزغىلاڭ. بۇ قوزغىلاڭ دىنىي تاۋاپ قىلىشنى نىقاب قىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسەن دېھقانلار ئاممىسىدىن باشقا يەنە ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرىخ Ⅷ نىڭ دىنىي ئىسلاھات سىياسىتىدىن نارازى بولغان كاتولىك مىسسىئونېرلىرى ۋە ئاقسۆڭەكلەر بولۇپ 30 مىڭدىن كۆپرەك كىشى قاتناشقان، رەھبىرى كىچىك ئاقسۆڭەك روبېرت ئاسكې (؟ - 1537). قوزغىلاڭچى دېھقانلار يېزا جامائەسى يەرلىرىنى دائىرىلىۋېلىشنى مەنئى قىلىش، كونا يەر ئىجارە نىسبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھېنرىخ Ⅷ نورفولك گېرتسوگنى ئەۋەتىپ بىر تەرەپتىن ساختىپەزلىك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى پارچىلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەكسىيەتچىل قوراللىق قوشۇنىنى يۆتكەپ كېلىپ باستۇرغان، شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.