Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېلىس
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى埃利斯〈图瓦卢、希、加〉
āi lì sī 〈tú wǎ lú 、xī 、jiā 〉
Domain: دۇنيا تارىخى伊利斯
yī lì sī
قەدىمكى يەر نام. پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى (جەنۇبىي يۇنان) نىڭ غەربىي شىمال قىسمىدا. شىمالىي ئاكاييا بىلەن، شەرقىي ئاكاردىيە بىلەن، غەربىي ئىئونىيە دېڭىز بىلەن چېگرىلىنىدۇ، بىرى مۇنبەت، ئوتتۇرا جەنۇب قىسمىدا ئالپىس دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى بولۇپ، دېھقانچىلىق قىلىشقا قولايلىق، پۈتۈن تېررىتورىيىسىنى ئۈچ رايونغا بۆلۈشكە بولىدۇ؛ شىمالىي قىسمى ئاكرورېيە دەپ ئاتىلىپ، پايتەختى ئېلىس پېننىي دەرياسى بويىغا جايلاشقان؛ ئوتتۇرا قىسمى پىسات دەپ ئاتالغان، پىزا شەھىرى ئۇنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. جەنۇبىي قىسمى تىرىپىلىيە دەپ ئاتىلىپ، ئۇنىڭدىكى مەشھۇر ئولىمپىيە (پىزاغا يېقىن) شەھىرى قەدىمكى يۇناندىكى ئولىمپىيە ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانى سېلىنغان جاي بولۇپ، بۇ يەردە زېۋىس ئىلاھىي ئىبادەتخانىسى بار. يۇنان بويىچە ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم زېۋىسقا ئاتالغان كاتتا دىن مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇ سەۋەپتىن ئېلىس يۇناندىكى <مۇقەددەس جاي> لارنىڭ بىرى سانالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئېلىس ئاياللىرى سپارتا ئاياللىرىغا ئوخشاش، خېلى زور ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.