UyghurMain Dictionary
ئىلىمسىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىلىم - بىلىمدىن خەۋىرى يوق، مەلۇماتى يوق.
بىلىمسىز ئادەم ھېچ ئىشقا يارىمايدۇ. بىلىمسىز بالا موزايدىنمۇ يامان. بىلمىسىز تۆردە ئولتۇرسىمۇ، ئۇ تۆرنىڭ پەگاھتىن پەرقى يوق. ئىلىمسىز كىشى نېمە؟ ھايۋان پەقەت، جانسىز تەن، بېزەكلىك بىر ئايۋان پەقەت. نادانغا سۆزلىگەن ئىست سۆزۈم، ئۆلۈككە يىغلىغان ئىسىت كۆزۈم. نادان قازانغا قارايدۇ، تادان ئوچاققا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئىلىمى، مەلۇماتى يوق؛ ئوقۇمىغان، نادان.
ئىلىمسىز كىشىنىڭ كۆڭلى قارادۇر، قارا كۆڭلى ئۇنىڭ باشتىن يارادۇر.