Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئىلمىي سوتسىيالىزم
دۇنيا تارىخى
科学社会主义
kē xué shè huì zhǔ yì
ئىلمىي كوممۇنىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ماركسىزمنىڭ ئۈچ تەركىبىي قىسمىنىڭ بىرى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى بارلىققا كېلىپ، <كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى> دە ئېلان قىلىنىش بىلەن نامايەندە بولغان. ماركسىزملىق پەلسەپە بىلەن سىياسىي ئىقتىسادنى نەزەرىيىۋى ئاساس قىلغان پرولېتارىيات ئازادلىقىنىڭ شەرتى ھەققىدىكى تەلىمات. يەنى: سىنىپىي كۈرەش، پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى، سوتسىيالىزم قۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدىكى ئىلمىي نەزەرىيە بولۇپ، كاپىتالىزمنىڭ مۇقەررەر ھالاك بولىدىغانلىقى ۋە سوتسىيالىزم بىلەن كوممۇمىزمنىڭ مۇقەررەر غەلىبە قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى ئېچىپ بېرىپ، پرولېتارىياتنىڭ كاپىتالىزمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سوتسىيالىزم بىلەن كوممۇنىزمنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ تارىخىي ۋەزىپىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭدا، پرولېتارىيات سىنىپىنىڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى يولى پرولېتارىيات سىياسىي پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك رولى؛ سىنىپىي كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى ئورنىتىش؛ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى تەدرىجىي يوقىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلك تۈزۈمىنى يولغا قويۇش؛ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ سىنىپىي قارىمۇ قارشىلىق ۋە سىنىپىي پەرقنى تەلتۆكۈس يوقىتىش؛ پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، پرولېتارىياتنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئازاد قىلىش كۈرىشى جەريانىدا، ئاخىرى ئۆزىنى ئازاد قىلىشى قاتارلىقلار شەرھلەنگەن. ماركس، ئېنگېلس ئىلمىي سوتسىيالىزمنى ياراتقۇچىلار. لېنىن، ستالىن ۋە ماۋزېدۇڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتا، ئىلمىي سوتسىيالىزم نەزەرىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۈكسەك ئىلمىيلىك بىلەن پرولېتارىياتنىڭ ئىنقىلابىيلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي سوتسىيالىزمنى پۈتۈن دۇنيا پرولېتارىياتلىرى ۋە ئېزىلگۈچى خەلق، ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشىدىكى قۇدرەتلىك ئىدىيىۋى قورالىغا، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنامىسىگە ئايلاندۇرغان.