UyghurMain Dictionary
ئىلمىي ھەدىس
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھەدىسلەرنى رەتلەش، تۈرگە ئايرىش، دەلىللەش توغرىسىدىكى ئىلىم. ئىلمىي تەپسىر، ئىلمىي فىقھە بىلەن بىر قاتاردا ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىلمى دېيىلىدۇ. ئىلمىي ھەدىس Ⅸ ئەسىردىن ھەدىس ئالىملىرى تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن. دەسلەپ مۇسۇلمانلار <قۇرئان كەرىم> نى بىلىمنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى ھېسابلاپ، ئۇچرىغان ئىشتا كىتابتىكى <ۋەھىيلەر> نى ئاساس قىلغان. سۈرە - ئايەتلەر قىسقا، مەزمۇنى چەكلىك، لېكىن ئىجتىمائىي ھاياتتىكى مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىشقا توغرا كەلگەچكە، مۇفەسسىرلەر، فەقىھلەر سۈرە - ئايەتلەرنى كېڭەيتىپ چۈشەندۈردى ھەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى، سۆز - ھەرىكەتلىرىنى پىششىق بىلىدىغان مۇھەددىسلەر ئەينى چاغدا كەڭ تارقالغان ھەدىسلەرنى توپلاپ، رەتلەپ، تۈرلەرگە ئايرىپ، ھەدىس شېرىپنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەھكام چىقىرىش، دىننى ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى قىلىپ، <قۇرئان كەرىم> تەپسىرىنى تولۇقلىدى. بۇ جەرياندا مۇھەددىسلەر بىرقەدەر سىستېمىلىق نەزەرىيىۋى تەشەببۇسلارنى ۋە كونكرېت ئۇسۇللارنى ئوتتۇرىغا قويدى. مانا بۇلار ئىلمىي ھەدىسنىڭ ئاساسى ۋە مۇھىم مەزمۇنى بولدى. جۈملىدىن ھەدىسلەرنىڭ چىنلىقى ياكى ساختىلىقىنى ئېنىقلاش ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. مۇھەددىسلەر رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ پەزىلىتىگە، ئىسناد (ھەدىسنىڭ تارقىلىش نەسەبى) نىڭ ئىزچىل ياكى ئىزچىل ئەمەسلىكىگە، رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەر مەزمۇنىنىڭ چىن - ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىگە ئاساسەن تۈرگە ئايرىدى. ئادەتتە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى (رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىسناد) نىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە قاراپ، ھەدىسلەر ئىشەنچلىك، ياخشى، ئىشەنچسىز ۋە ساختىدىن ئىبارەت تۆت تۈرگە ئايرىلدى؛ ئىسنادنىڭ ئىزچىللىقلىقىغا ئاساسەن مۇتتەسىل ۋە غەيرىي مۇتتەسىل ھەدىس (جۈملىدىن بىر ئادەم رىۋايەت قىلغان ۋە يالغۇز تارقالغان ھەدىس) كە ئايرىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئىنچىكە پەرقلەندۈرۈشلەر بولدى. ھەدىسلەرنىڭ چىنلىقى ياكى ساختىلىقىنى تەكشۈرۈشتە ئاساسلىقى رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ پەزىلىتىنىڭ ئالىيجاناب ياكى ئالىيجاناب ئەمەسلىكىگە، ئىسنادىنىڭ مۇكەممەل ياكى مۇكەممەل ئەمەسلىكىگە قارالدى. ھەدىس تېكىستلىرىنى بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ئازراق بولدى.