Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ
بىئولوگىيە
电子显微镜
diànzǐxiǎnwēijìng
يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېلېكترونلار دەستىسىنى نۇرنىڭ ئورنىدا، ماگنىتلىق لېنزا ياكى تىنچ ئېلېكترونلۇق لېنزىنى ئوپتىك مكروسكوپنىڭ ئەينەك لېنزىسىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىپ، ئېلېكترونلار دەستىسىنى توپلاپ سۇندۇرۇپ، ئاغدۇرۇش ئارقىلىق سۈرەتكە ئايلاندۇرىدىغان بىر خىل مىكروسكوپ. ئۇنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپى، بىر يۇقىرى دەرىجىدىكى ۋاكۇئوم سىستېما ئىچىدە ئېلېكترونلۇق مىلتىقتىن ئېلېكترون دەستىسىنى قويۇپ بېرىپ، تەكشۈرمەكچى بولغان بويۇمدىن ئۆتكۈزۈپ، ئېلېكترونلۇق لېنزا ئارقىلىق چوڭايتىپ، يالتىراق ئېكراندا چوڭايتىلغان سۈرتنى كۆرسىتىش. بۇ خىل مىكروسكوپ گومولوگىيە تىپىدىكى ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ چوڭايتىش ھەسسىلىكى ئەڭ ياخشى ئوپتىك مىكروسكوپتىن نەچچە يۈز ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. ھازىر گومولوگىيە تىپىدىكى ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپنىڭ چوڭايتىش ھەسسىلىكى 800 مىڭ ھەسسىگە يەتتى. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ۋىرۇس، يەككە مولېكۇلا ھەمدە مېتال ماتېرىياللارنىڭ كرىستال تۈزۈلۈشى قاتارلىقلارنى كۆرگىلى، يەككە ئاتومنىڭ سۈرىتىنى بىۋاستە كۆزەتكىلى بولىدۇ. فوكۇسلاشتۇرۇلغان ئېلېكترونلار دەستىسىنى يۈزىگە نېپىز ھەل بېرىلگەن ئېغىر مېتال (مەسىلەن، ئالتۇن) ئەۋرىشكىسىنىڭ ئۈستىگە يېيىپ، ئېغىر مېتالدىن چېچىلىپ كەتكەن ئىككىنچى قېتىملىق ئېلېكترونلارنى يەنە توپلاشتۇرۇپ چوڭايتىپ سۈرەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەرەققىي قىلغان، سىرتقى يۈزىنىڭ تۈزۈلۈشىنى كۆزىتىدىغان ئەسۋاب. ھازىر مۇشۇ ئىككى خىل ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ بار. ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپلارنىڭ ئايلاندۇرۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، يەنە چېچىشچان ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ، قايتۇرۇشچان ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ، ئەينەكسىمان ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ قاتارلىق تىپلىرى بار. ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ بىئولوگىيە، مېدىتسىنا، مېتال فىزىكىسى، يۇقىرى مولېكۇلا خىمىيىسى، مىكرو ئېلېكترونىكا ۋە يېزا ئىگىلىك، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ.
خىمىيە,تاشيول قۇرۇلۇشى,ئۇنىۋېرسال,باغۋەنچىلىك,پارقازان، بېسىملىق باك
电子显微镜
diàn zǐ xiǎn wēi jìng
ئېلېكترون، ئۇچۇر
电子显微镜
diàn zǐ xiǎn wēi jìng