Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېلېكترو كاردىئوگرامما
Domain: بىئولوگىيە心电图
xīndiàntú
قىسقارتىلىپ يېزىلىشى ECG. بەدەننىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ مەلۇم بىر ئورنىدىن ئىندۇكسىيىلىك ئېلېكترود ئارقىلىق خاتىرىلەپ ئېلىنغان يۈرەك ھەرىكىتى دەۋرىدىكى پوتېنسىئال ئۆزگىرىش ئەگزى سىزىقى ئېلېكترو كاردىئوگرامما دېيىلىدۇ. ئېلېكترو كاردىئوگرامما يۈرەك قىسقىراش كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋەكىللىك قىلماستىن بەلكى يۈرەك غىدىقلىنىشنىڭ ھاسىل بولۇشى، يەتكۈزۈلۈشى ۋە ئەسلىگە كېلىش جەريانىدىكى بىئوئېلېكترىك ئۆزگىرىشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلىدۇ. بەدەن يۈزىنىڭ ئوخشىمىغان ئورۇنلىرىدىن ئىندۇكسىيىلەپ چىقىلغان يۈرەك ئېلېكتر ئېقىمى ئۆزگىرىشىنىڭ دولقۇن شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ، لېكىن ئادەتتە PQRST دىن ئىبارەت بەش دولقۇنى بولىدۇ. غىدىقلىنىش سىنۇس - دالانچە تۈگۈنىدىن باشلىنىپ يۈرەك دالانچىسىغا يەتكۈزۈلىدۇ. دالانچە - قېرىنچە تۇتامى (باغلىمى) ئارقىلىق يۈرەك قېرىنچىسىغا بارىدۇ. ھەرقايسى دولقۇنلار قوزغىلىشىنىڭ يەتكۈزۈلۈش يولى بويىچە تەرتىپ پەيدا بولىدۇ. P دولقۇن يۈرەك دالانچىسىنىڭ غىدىقلىنىشىغا ۋەكىللىك قىلىپ يۈرەك دالانچىسى قىسقىراشتىن ئىلگىرى مەيدانغا كېلىدۇ. Q دولقۇن يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ غىدىقلىنىشىنىڭ باشلىنىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، P _ Q ئارىلىق دەۋرى غىدىقلىنىشىنىڭ يۈرەك دالانچىسىدىن دالانچە - قېرىنچە تۇتامى ئارقىلىق يۈرەك قېرىنچىسىغا يەتكۈزۈلۈشىگە كېتىدىغان ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر دالانچە - قېرىنچە تۇتامىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىشى توسۇلۇپ قالسا P _ Q ئارىلىق دەۋرى ئۇزىرايدۇ. QRS دولقۇن گۇرۇپپىسى ئوڭ - سول يۈرەك قېرىنچىرلىرىنىڭ غىدىقلىنىشىنىڭ تارقىلىش جەريانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. S _ T بۆلىكى يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ قوزغىلىش (غىدىقلىنىش) ھالىتىدە تۇرغانلىقى، ھەرقايسى قىسىملار ئارىسىدا پوتېنسىئال پەرقى يوق بولۇپ، تەڭ ئېلېكتر پوتېنسىئاللىقىغا يېقىنلاشقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. T دولقۇن يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىش جەريانىنى ئىنكاس قىلىدۇ، T دولقۇننىڭ ئامپلىتۇدىسى بىلەن يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرسە يۈرەكتە كېسەللىك ئۆزگىرىش پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كلىنىكىدا ئېلېكتروكاردىئوگرامما ھەرقايسى دولقۇن شەكىللىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن يۈرەك كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويۇشتا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
Domain: تەنتەربىيە心电图
xīn diàn tú
Specialized
Domain: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىمەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە، سەھىيە
سەھىيە
(1) ئىككى قولنىڭ باشمالتىقى ۋە بىگىز بامرىقى بىلەن يۈرەك شەكلىنى كۆرسىتىپ، يۈرەك قىسمىغا قويىدۇ. (2) بىر قولنىڭ بىگىز بارمىقى بىلەن «» شەكلىنى كۆرسىتىپ، تەۋرىتىدۇ. (3) سول قولنىڭ باشمالتىقى ۋە بىگىز بارماقلىرى بىلەن باش بارماق بىلەن بىگىز بارماقنى ياي شەكىلدە ئاچقان شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. ئوڭ قولنىڭ بىگىز بارمىقى بىلەن باش بارماق بىلەن بىگىز بارماقنى ياي شەكىلدە ئاچقان شەكىل ئىچىگە سولدىن ئوڭغا ئەگرى سىزىق سىزىدۇ.
心电图
xīn diàn tú
GetWord Corpus
9心电图
心电图(ECG)
xīn diàn tú
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.