UyghurMain Dictionary
ئىلگىرى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ۋاقىتىنىڭ باشلىنىش رېتى.
ئەرزان بەرگەن ئاۋۋال ساتار. ئاۋۋال ئويلا، كېيىن سۆزلە. ئالدى بىلەن ئېتىڭنى تاقىلا، ئاندىن يول ياقىلا. ئاتا - ئانىنى خارلىغان ئىلگىرى باسماس. بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن، كېيىن چىققان مۈڭگۈز يامان. بالدۇر بولسۇن، كېيىن بولسۇن. گۆش بىلەن پىچاق دوست بولسۇن. ھەر ئىشنىڭ مۇقەددىمىسى بار. ھەقامساينىڭ قىزىنى كۆرۈڭ، دەسلىپىدە بەردى كۆڭۈل، ئاخىرىدا نازىنى كۆرۈڭ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئالدىنقى رېتى.
كېيىن ، ئاندىن، بەداز، ئاخىر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئارقىدىكى رېتى.
ئاۋۋال ئىشلە. كېيىن ئوينا. ئاۋۋال ئويلا، ئاندىن سۆزلە. ئاۋۋال تائام، بەداز كالام. ئىلگىرى تاغ ئايلىنىپ كەلسە، ھازىر باغ ئايلىنىپ كېلىدۇ. ئاخىرىدا كۈلگەن ھەقىقىي كۈلىدۇ. باشتا باشلاپ، ئاخىرىدا تاشلاپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋ. بۇرۇن، بۇرۇنقى چاغلاردا، ئاۋۋال.
مەن ئىلگىرى بۇ يەرلەردە كېىپ باقمىغانىدىم.
رەۋ. ئالغا، ئالدىغا.
ئىلگىرى سۈرمەك.
سۈپ. روناق تاپقان، تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن.
- ئىشىڭىز ئىلگىرى باسسۇن، - دېدى مېھمان ئەرشىدىن ئاكامنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، - ئېتىڭىز نېمە؟