Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېلاستىك تالا
Domain: بىئولوگىيە弹性纤维
tánxìngxiānwéi
بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما تالالىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، تارىمۇش قاتارلىق ئېلاستىك توقۇلمىلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى. ئادەتتە شاخلىنىدۇ ھەم بىرلىشىپ تورسىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ناھايىتى كۈچلۈك نۇر سۇندۇرۇشچانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. ئاددىي كۆز بىلەن كۆزەتكەندە سۈزۈك ئەمەس (كوللاگېن تالاسىنىڭ ئەكسىچە)، تالالار يىغىلىپ بىرلەشكەندە ئاددىي كۆز بىلەن قارىغاندا سېرىق كۆرۈنىدۇ، شۇڭا <سېرىق تالا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېلاستىك تالا قايناقسۇدا ئاسان ئېرىمەيدۇ، كىسلاتا ۋە ئىشقارلارنىڭ چىرىتىشىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك. ئۇنىڭ خىمىيىۋى تەركىبى ئېلاستىن (ئېلاستىك ئاقسىل) دىن ئىبارەت.
Domain: ئۇنىۋېرسال弹丝
tán sī
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.