UyghurMain Dictionary
ئىلاھ را
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى مىسىر قۇياش ئىلاھى را قەدىمكى مىسىرنىڭ ئەپسانىلىرىدە ئالەم، ئىلاھلار ۋە ئىنسانلارنى ياراتقۇچى دېيىلگەن. ئەڭ دەسلەپتە، راغا چوقۇنۇش مەركىزى تۆۋەنكى مىسىردىكى ئەن شەھىرى (An ياكى On، يۇنالىقلار ئۇنى ھېلىئوپولس يەنى <قۇياش شەھىرى> دەپ ئاتىغان) بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ (قەدىمكى پادىشاھلىق دەۋرى)، را تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالىي ئىلاھىغا ئايلانغان. تۆتىنچى سۇلالىنىڭ فىرئەۋنى ئۆزىنى <رانىڭ ئوغلى> دەپ ئاتاپ، رافىرئەۋىن كافرا، مېنكا ئۇرالارنىڭ ئىسمىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. رانىڭ تەسۋىرىي يېزىقى بىر چەمبىرەكنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر چېكىت قويۇلغان شەكىل (قۇياشقا سىمۋول قىلىنغان) دىن ئىبارەت بولۇپ، كېيىنچە ھېلۇس ئىلاھ (بۈركۈت) بىلەن قوشۇپ، ئىككى قاناتلىق كۈن چەمبىرىكىگە ئايلاندرۇلغان. ئوتتۇرا پادىشاھلىق دەۋرىدە تېبېسنىڭ ئامون ئىلاھى (يەنى بىر قۇياش ئىلاھى) پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالىي ئىلاھلىقىغا كۆتۈرۈلگەن، شۇڭا كۆپ ھاللاردا ئىلاھ را بىلەن قوشۇپ <ئامون - را ئىلاھ> دەپ ئاتالغان.