UyghurMain Dictionary
ئېكسونۇكلېئازا
بىئولوگىيە
كۆپ ولىمېرلانغان نۇكلېئوتىدلارنى گىدرولىزلاپ يەككە نۇكلېئوتىدلارنى ھاسىل قىلىدىغان بىر خىل فوسفودى ئېستېرازا بولۇپ، گىدرولىزلاش يۆنىلىشىگە ئاساسەن 3 → 5 ئېكسونۇكلېئازا ۋە 5 → 3 ئېكسونۇكلېئازىغا بۆلۈنىدۇ، مەسىلەن، يىلان زەھىرى فوسفودى ئېستېرازىسى DNA ياكى RNA گە تەسىر قىلغاندا، ئۇ OH - 3 ئۇچىدىن باشلاپ فوسفودى ئېستېر بېغىنى تەدرىجىي گىدرولىزلاپ: 5 - يەككە نۇكلېئوتىدلارنى ھاسىل قىلىدۇ. كالا تېلى فوسفودى ئېستېرازىسى ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇ 5 - ئاخىرقى ئۇچىدىن تەدرىجىي قىسقارتىپ 3 - نۇكلېئوتىدلارنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنى پولى نۇكلېئوتىدلارنى فوسفاتلاشتۇرغۇچى ئېنزىم بولۇپ، يادرو كىسلاتا سىرتىدىن كەسكۈچى ئېنزىملىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان پېرفوسفاتلىق نۇكلېئوتىد ترانسىفېرازىدۇر. بۇ خىل ئېنزىم دائىم يادرو كىسلاتا بۆلكىنىڭ تىزىلىش تەرتىپىنى ئانالىز قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.