UyghurMain Dictionary
ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى
تەبىئەتنى قوغداش
»ئاشلىق كۆپ بولسا چارۋا كۆپ بولىدۇ، چارۋا كۆپ بولسا ئوغۇت كۆپ بولىدۇ، ئوغۇت كۆپ بـولـسـا ئاشلىق كۆپ بولىدۇ.« مانا بۇ ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكىدىكى ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشنىڭ جانـلىق چۈشەندۈرۈلۈشى.
ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى دېگىنىمىز، يېزا ئىگىلىكىنى ئېكولوگىيىلىك قانۇنىيەت بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن تولۇق پايدىلىنىش، جانلىقلار ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىدىكى كېرەكسىز ماددىلارنى كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىش، ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈزلۈكسىز پايدىلىنىش ئارقىلىق ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش رولىنى ئويناپ، ئاز سېلىنمىلىق، كۆپ ھاسىلاتلىق مەقسەتكە يېتىش، شۇنداقلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مۇھىتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت. ئۇ سېلىنما ئاز، سـەرپىيات تۆۋەن، ئۈنۈم يۇقىرى بولۇش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ھەمدە يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە.
ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئېكولوگىيىلىك ئىقتىساد پرىنسىپى، يەنى ئېكولوگىيـىـلـىـك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىڭ بىردەكلىكى پرىنسىپى بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پىلانلاش؛ پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق قۇياش ئېنېرگىيىسى ۋە جانلىقلار ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش؛ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق قانۇنىيىتىگـە رىئايە قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەشكىللەش؛ يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى ئوزۇق زەنجىرى ھەمدە ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق باسقۇچىنىڭ مىقدار ۋە نىسبەت مۇناسىۋىتى بويىچە تەڭشەش؛ تەبىئىي بايلىقتىن مەڭگۈ پايدىلىنىش پرىنسىپى بويىچە مۇۋاپىق پايدىلىنىش؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن كۆپ قاتلاملىق، ستېرېئولۇق، دەۋرىيلىك پايدىلىنىش؛ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى بىلەن ئۆي چارۋىلىرىـنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستـۈرۈش؛ ئورگانىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن ئانئورگانىك يېزا ئىگىلىكىنى بىرلەشتۈرۈش، بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش بىلەن خىمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، ئورگانىك ئوغۇت بىلەن خىمىيىلىك ئوغۇتنى بىرلەشتۈرۈش؛ يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە تۈزەش، يېزىلاردىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ كۆكەرتىش ۋە ئورمان بىنا قىلىشنى ئېستېتىكىلىق قاراش بويىچە يولغا قويۇپ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش.
ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەر ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى پرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. مەسىلەن، جۇجياڭ دېلتىسىدىكى ئۈجمىلىككە كۆل ياساپ بېلىق بېقىش ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلـى »ئۈجمە تىكىپ پىلە قۇرتى بېقىش، پىلە قىغى ئارقىلىق بېلىق بـېـقـىـش، بـېـلىق ئوغۇتى ئارقىلىق كۆلدىكى لاينى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، كۆلدىكى لاي بىلەن ئۈجمىنى ئوغۇتلاش«تەك بىئولوگىيىلىك ئېنېرگىيىدىن كۆپ قېتىم پايدىلىـنىدىغان ئېكولوگىيىلىك سىستېما ھېسابلىنىدۇ. يەنە مەسىلەن، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجياخۇ رايونىدا مىڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدىلا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، قوشۇمچە كەسىپ ۋە بېلىقچىلىق ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇلغان. بۇمۇ ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى پرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشلەپچـىـقىرىش ئۇسۇلىدۇر.
ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكىدە بىر تۈركۈم ئېكولوگىيە ئائىلىلىرى، ئېكولوگىيە كەنتلىرى، ئېكولوگىيە يېزىلىرى، ھەتتا ئېكولوگىيە ناھىيىلىرى بارلىققا كەلدى. بېيجىڭنىڭ شەھەر ئەتراپى رايـونىدىكى ليۇمىڭيىڭ ئېكولوگىيە كەنتى بۇنىڭ مىسالى. ئۇلار ئەسلىدىكى تېرىقچىلـىـق ئاساس قىلىنغان نوقۇل ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتكەن ھەمدە تېرىقچىلىق − چارۋىچىلىق − پاتقاق گازى − بېلىقچىلىق قاتارلىق كۆپ خىل ماددا ئايلانما قۇرۇلمىسىنى قوللىنىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرگەن. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ سۇشەن شەھىرىدىكى شەنيى ئېكولوگىيە كەنتى بۇنىڭ يەنە بىر مىسالى. بۇ كەنت ئەسلىدە »يۇقىرى ھاسىلاتـلىق، قاقاس تاغ، نامرات كەنت« ئىدى. ئۇلار تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، پىششىقلاپ ئىشلەش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، تاغ باغۋەنچىلىكى ۋە سۇ باقمىچىلىقىنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇردى، پاتقاق گازى قاتارلىق يېڭـى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىپ، خىمىيىۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلاندى ھەم توخۇ بېقىش − توخۇ قىغى بىلەن چوشقـا بېقىش − چوشقا قىغىدىن پاتقاق گازى ئىشلەپچىقىرىش − پاتقاق گازىدا چوشقىغا يەم - خەشەك پىشۇرۇش ھەم پاتقاق گازىدىن ھاسىل بولغان سۇدا بېلىق بېقىش، چايزارلىق، مېۋىزارلىقلارنى سۇغىرىش تەجرىبىسىنى ئىشلەپ، كىشىنى قانائەتلەندۈرگۈدەك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بۇ ئىككى ئېكولوگىيە كەنتىگـە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلانلاش مەھكىمىسى تەرىپىدىـن1987 -،1988 - يىللىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا »دۇنيا بويىچە500 ئەلانىڭ بىرى« دېگەن نام بېرىلدى.
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى دېگىنىمىز ئېكولوگىيە قائىدىلىرىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېكولوگىيىلىك سىستېما ئىچىدە ماددىلارنىڭ ئايلىنىش ۋە ئېنېرگىيىنىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن بەرپا قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى كۆرسىتىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ قاتارلىق جايلىرىدىكى دېھقانلار جانلىقلارنىڭ ئۆزئارا بېقىنىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئېتىز - كۆلچەك ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. ئۇلار كۆلدە بېلىق باقسا، كۆلنىڭ ئەتراپىغا ئۈجمە تىكىپ، ئۈجمىدىن پايدىلىنىپ پىلە قۇرتى باقتى، پىلە قۇرتىنىڭ مايىقىدىن پايدىلىنىپ بېلىقلارنى باقتى، بېلىق مايىقى ئارىلاشقان كۆلدىكى لاينى كۆل ئەتراپىغا ئىشلەتتى، بۇنىڭ بىلەن يېپىق ئېكولوگىيە زەنجىرى شەكىللەندى، بۇ »ئۈجمىلىكتىكى بېلىق كۆلى تىپى« دەپ ئاتالدى. بۇ يېمەكلىك زەنجىرىدە ئۈجمە دەرىخى ئىشلەپچىقارغۇچى، پىلە قۇرتى بىرىنچى دەرىجىلىك ئىستېمالچى، بېلىق ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىستېمالچى، بېلىق كۆلىدىكى مىكرو ئورگانىزملار پارچىلىغۇچى بولىدۇ، ماددىلار مۇشۇ دائىرىدە تەكرار ئايلىنىدۇ، كېرەكسىز ماددىلاردىن ئەتراپلىق پايدىلىنىلىدۇ. بۇ خىل ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى روھىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.
مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكىلەرنىڭ ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي روھى بىردەكلىككە ئىگە، بۇ، يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيىسى سىستېمىسىدا ئاساسلىق رول ئويناۋاتقان ئادەمدىن تەبىئەت قانۇنىيىتىگە رىئايە قىلىشقا ماھىر بولۇشنى، مەۋقەنى بۈگۈنگە قويۇپ، نەزەرنى كەلگۈسىگە قارىتىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا ئەڭ ياخشى ئېكولوگىيىلىك مۇھىت يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
بەزىلەر ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكىگە قارىتا مۇنداق كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى: قەتئىي ئېكولوگىيە قائىدىلىرىگە ئاساسەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەشكىللەش، شۇ جاينىڭ تەبىئىي بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىش، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، مىكرو جانلىقلار ئارىسىدىكى بىر - بىرىگە تايىنىش مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ كېرەكسىز ماددا ھاسىل بولمايدىغان ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇش، ئىمكانقەدەر كۆپرەك ساپ مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش، ھەم ماشىنا - ئۈسكۈنە، خىمىيىۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ھەم ئۇلارنىڭ بۇلغاش تەسىرىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش، شۇنداقلا ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىدىكى تەجرىبىلەرنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، يېشىل يېپىنچا ئۆسۈملۈك دائىرىسى ئەڭ كەڭ، بىئولوگىيىلىك مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ يۇقىرى، فوتوسىنتېز رولى ئەڭ مۇۋاپىق، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقى ئەڭ ياخشى بولۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىگە ئوخشىمايدۇ، ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى خىمىيىۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، ياۋا ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسى قاتارلىق خىمىيىلىك دورىلارنى چەتكە قاقمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭدىن بىرقەدەر يۇقىرى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. ئۇ، نېفىت يېزا ئىگىلىكىگىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا بىرقەدەر ئەھمىيەت بېرىدۇ، تاغ، سۇ، ئېتىزدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئوغۇتلاشتا ئورگانىك ئوغۇتنى ئاساس قىلىدۇ، كېسەللىك ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى يوقىتىشتا بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش ۋە ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ بۇلغىشىنى ئازايتىدۇ. شۇڭا، ئېلىمىزدىكى كۆپ ساندىكى يېزا ئىگىلىك ئىلىم-پەن خىزمەتچىلىرى ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى يولىغا ماڭغاندىلا، ئاندىن نېفىت يېزا ئىگىلىكىدىكى بىرقاتار مەسىلىلەردىن ساقلانغىلى، كۆپلەپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گۈزەل مۇھىت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارىماقتا.