UyghurMain Dictionary
ئىككىنچى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سان
تەرتىپ ئورنى 2 رەقىمى بىلەن بەلگىلەنگەن؛ نومۇرى 2 بولغان.
ئىككىنچى ئۆي. ئىككىنچى كارىۋات. ئىككىنچى قاتار.
مەلۇم تەرتىپ بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەڭ ئالدىدىكىدىن كېيىنكى ئورۇندا تۇرغان ياكى تۇرىدىغان، بىرىنچىدىن كېيىنكى.
ئىككىنچى سىنىپ. مۇسابىقىدە ئىككىنچى بولماق.
قايتا، قايتىدىن، باشقا مەرتە.
بۇ گەپنى بۈگۈن بىر قىلدىڭ، بۇندىن كېيىن ئىككىنچى قىلما.
باشقا، يەنە بىر.
چۈنكى بىر ئادەم ئۆزى بىلگەن بىر ئىشنى ئىككىنچى بىر ئادەمگە خۇددى ئۆزى چۈشەنگەندەك ياكى ئۆزى تەسىرلەنگەندەك قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرەلىسە، خۇشاللىق ھېس قىلىشى تەبىئىي.