UyghurMain Dictionary
ئىجتىھاد ئىشىكى تاقالدى تەلىماتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
سۈننىي مەزھىپىدىكى فىقھە تەلىماتى بولۇپ، بۇ تەلىمات 1258 - يىلىدىن كېيىن شەكىللەنگەن. فىقھە گەۋدىسى شەكىللىنىش داۋامىدا مول بىلىملىك چوڭ فەقىھلەر قانۇن مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئەركىن پىكىر بايان قىلىپ، ئىجتىھاد قىلىپ، ئىجمائ شەكىللەندۈرسە بولىدۇ. كېيىنكى ئۆلىمالار ئالدىنقىلارنىڭ قاراشلىرىغا ئەمەل قىلىشى، يېڭىچە يول تۇتماسلىقى لازىم، دەپ قارىدى. ئاخىرقى دەۋردىكى فەقىھلەر ئىجمائ شەكلى ئارقىلىق ئىجتىھاد فىقھەسىنىڭ ئورۇندىلىپ بولغانلىقىنى، <ئىجتىھاد ئىشىكى> نىڭ يېپىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ⅥⅩ ئەسىردە ھەنبەلىيە ئىلمى ئېقىمىدىكى ئىبنى تەيمىيە بۇ تەلىماتنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ <ئىجتىھاد> ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. يېقىنقى زاماندىن بۇيان نۇرغۇن فەقىھلەر تارىختا مۇنداق ئىجمائنىڭ بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، <ئىجتىھاد ئىشىكى> نى قايتىدىن ئېچىشنى تەشەببۇس قىلدى. مۇھەممەد ئىقبال ئىسلام دىنى ئۈزلۈكسىز ئىجتىھاد ئارقىلىق تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدۇ، دەپ قاراپ، ئۇنى <ھەرىكەت قائىدىسى> دەپ ئاتىدى.