Chinese→UyghurMain Dictionary
抑制性突触后电位
پسىخولوگىيە
تورمۇزلاش خاراكتېرلىك سىناپسېنىڭ ئارقا پوتېنسئالى
سىناپسې ئارقا پوتېنسئالى دېگەندە، سىناپسېنىڭ ئارقا نېۋرونىدا سىناپسېدىن ۋاسىتىچى ماددىلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پەيدا بولغان پوتېنسئال ئۆزگىرىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قوزغاش خاراكتېرلىك سىناپسې ئارقا پوېنسئالى ۋە تورمۇزلاش خاراكتېرلىك سىناپسې ئارقا پوتېنسئالى بار. نېرۋا ئىمپۇلىسى قوزغاش خاراكتېرلىك سىناپسېنىڭ ئالدىنقى نېرۋا ئۇچىغا بارغاندا، سىناپسېنىڭ ئۇششاق كۆپۈكچىلىرى ئىچىدىن ئاجرىلىپ چىقىپ، سىناپسې ئارقا پەردىسى ھۈجەيرىسى يۈزىدىكى ئاكسىپتور (قوبۇللىغۇچ تەنچە) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئالاھىدە ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ، سىناپسې ئارقا پەردىسىنىڭ پوتېنسئالىنى تۆۋەنلەشتۈرىدۇ (قۇتۇپسىزلاندۇرىدۇ). شۇنىڭ بىلەن قىسىمەن پوتېنسئال ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ قوزغاش خاركتېرلىك سىناپسې ئارقا پوتېنسئالى دەپ ئاتىلىدۇ. مۇنداق قسىمەن پوتېنسئال تەرەققىي قىلىپ ئاخىرقى چەكتىكى سەۋىيىگە يەتكەندە، سىناپسې نېۋرونىدا تارقىلىشچان قوزغىلىش پەيدا بولىدۇ. نېرۋا ئىمپولىسى تومۇزلاش خاراكتېرلىك سىناپسېگە بارغاندا، ئاجرىلىپ چىققان تورمۇزلاش خاراكتېرلىك ۋاستىچى ماددىلار سىناپسېنىڭ ئارقا پەردىسىگە تەسىر قىلىش بىلەن سىناپسې ئارقا پەردىسىدىكى پوتېنسئال بەش مىللىۋوتقىچە ئاشىدۇ (دەرىجىدىن تاشقىرى قۇتۇپلىنىدۇ). شۇنىڭ بىلەن قىسمەن تورمۇزلاش خاراكتېرلىك سىناپسې ئارقا پوتېنسئالى بارلىققا كېلىدۇ. مۇنداق تورمۇزلاش خاراكتېرلىك سىناپسې ئارقا پوتېنسئالى سىناپسې ئارقا پەردىسىدىكى قوزغىلىشچانلىقنى تۆۋەنلىتىپ، سىناپسې ئارقىسىدىكى نېۋروندا تارقىلىشچان قوزغىلىشنىڭ پەيدا بولۇشىنى توسايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تورمۇزلىنىش ھاسىل بولىدۇ. قوزغاش خاراكتېرلىك سىناپسې ئارقا پوتېنسئالى تورمۇزلاش خاراكتېرلىك سىناپسې ئارقا پوتېنسئالى بىلەن ۋاقىت تەرتىپى جەھەتتىن ئوخشاش، لېكىن ئالدىنقىسى قۇتۇبسىزلىنىدۇ، كېيىنكىسى دەرىجىدىن تاشقىرى قۇتۇپلىنىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ شەكىللىنىش قائىدىسى ئوخشاش ئەمەس. قوزغاش خاراكتېرلىك سىناپسې ئارقا پوتېنسئالى سىناپسى ئارقا پەردىسىدىن بارلىق ئىئونلارنىڭ ئېشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەمما تورمۇزلاش خاراكتېرلىك سىناپسې ئارقا پوتېنسئالى سىناپسې ئارقا پەردىسىنىڭ مەلۇم ئىئونلارنىڭ نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدۇ.
تېببىي
yì zhì xìng tū chù hòu diàn wèi
تورمۇزلىغۇچى سىناپس ئارقا پوتېنسىئالى