UyghurMain Dictionary
ئېيت
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
1. ئېيتماق، سۆزلىمەك («ئايت» <).
ئېيتقان سۆز - ئاتقان ئوق (ماقال).* ئىچ سېرىڭنى ئاتاڭغا ئېيتقا (ماقال). * ياخشى كۆرگىنىنى ئېيتار، يامان يېگىنىنى (ماقال). * «ئا» نى ئېيتقان ئىكەنسەن.«ب» نىمۇ ئېيت (ماقال).
2. تېكىستنى كۈيگە سېلىپ ئوقۇماق. ناخشائېيتماق.
3. چىللىماق، مېھمانغا چاقىرماق. چايغا ئېيتماق.* زىياپەتكە ئېيتماق.* ئېيتقان يەردىن قالسا، ئېيتمىغان يەرگە بارما (ماقال).* ئېيتماقنىڭ ئېتى ئۇلۇغ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئېيتماق، ئېيتىش، سۈرتمەك، تازىلىماق.
ئۈستەلنى ئېيتماق. * دېرىزىنى ئېيتماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
«ئېيت» نىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
1. تاكاللاشماق. سۆز تالاشماق. ئۇلار قاراپ تۇرۇپلا ئېيتىشىپ قالدى. * سەن مەن بىلەن تولا ئېيتىشما.
2. تەگمەك، قوزغىماق، ئويىنماق.
قوي، بىلمەيدىغان نېمەڭگە، ۋېلىسپىت بىلەن ئېيتىشما.