UyghurMain Dictionary
ئىيسا قىددىس
دۇنيا تارىخى
خرىستىئان دىنىنىڭ رىۋايەتلەردىكى ئاساسچىسى (مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ باشلىرى). ئەسلى ئىسمى ئەيسا، <قىددىس> ئېۋرىيچە <مەسېھ (قۇتقۇزغۇچى ئىگەم)> دېگەن سۆزنىڭ گرېكچە تەرجىمە قىلىنىشى. <ئىنجىل. گوسپېئىل> دە خاتىرىلىنىشىچە، ئەيسانىڭ ئاتىسى يۇسېف ياغاچچى ئىكەن، ئانىسى مەريەم <ئىلاھنىڭ كارامىتى> بىلەن ھامىلدار بوپتۇ، ئەيسا پەلەستىندىكى ۋىفلىيېم شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەنمىش. ئەيسا خۇدانىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ، ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بۇ دۇنياغا كەلگەن مەسېھ ئىمىش. ئۇنىڭ 12 شاگىرتى (<12 ھەۋارىيۇن>) بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دىن تارقىتىپ، ھەر خىل مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەنىكەن. يەھۇدىي دائىرىلىرى (رىمنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا) ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ، رىمنىڭ باش ۋالىيىسى پىلانقا تۇتۇپ بەرگەنمىش، ئاخىرىدا كرېستقا مىخلاپ ئۆلتۈرگەنمىش، ئۈچ ئايدىن كېيىن تىرىلىپ، بۇ دۇنياغا كەلگۈسى قايتىدىن كېلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىپ، كېيىن ئاسمانغا چىقىپ كەتكەنمىش. خرىستىئان دىنى مىلادى Ⅰ ئەسىردىكى رىم قۇللۇق تۈزۈم جەمئىيىتىنىڭ مەھسۇلى. ئەيسا قىددىسنىڭ چىن ئىنسانلىقىنىڭ ھەقىقىيلىكى مەسىلىسىدە ئەزەلدىن بۇيان ئوخشاش بولمىغان قاراش مەۋجۇت. Ⅰ ئەسىردە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان تارىخىي ماتېرىياللار يوق دېيەرلىك. ئۇ ئادەملەشتۈرۈلگەن ئىلاھ شۇنداقلا يەھۇدىي دىنى يېڭى ئېقىمىنىڭ باشلىقلىرىغا ئوخشاش شەخسلەرنى تىپ قىلىپ ئىلاھلاشتۇرغان ئادەم بولۇشى مۇمكىن. ئەيسا قىددىسقا ئائىت بايراملار (روژدېستۋو بايرىمى، ئازاب چېكىش بايرىمى، پاسخا بايرىمى قاتارلىق) مۇ كېيىنكى دەۋرلەردە بەلگىلەنگەن. ھازىر ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان مىلادى يىلنامىسى، يەنى ئەيسا قىددىسنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى مىلادىنىڭ بىرىنچى يىلى قىلىشنى مىلادى 525 - يىلى رىم موناخى كىچىك دىئونىس بېكىتكەن؛ كېيىنكىلەرنىڭ ھېسابلاپ چىقىشىغا قارىغاندا، ئۇ بۇنىڭدىن تۆت يىل بۇرۇن (مىلادىدىن تۆت يىل ئىلگىرى تۇغۇلغان) دېگەن گەپمۇ بار.