Chinese→UyghurMain Dictionary
伊萨伯拉
Domain: دۇنيا تارىخىئىسابېل
(1451 - 1504) كاستىلىيە كورۇلىۋاسى (1474 - 1504). 1469 - يىلى ئاراگان شاھزادىسى فېرناندو بىلەن توي قىلغان. 1474 - يىلى كاستىلىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان. 1479 - يىلى، فېرناندو ئاراگوننىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ (فېرناندو Ⅱ دېيىلىدۇ). كاستىلىيە بىلەن ئاراگون رەسمىي قوشۇلۇپ، ئىسپانىيەنىڭ بىرلىكى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. تەختتىكى مەزگىلىدە شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ئۇششا ئاقسۆڭەكلەرگە تايىنىپ، چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنى بېسىپ، مونارخىيىلىك ھقۇقىنى كۈچەيتكەن. دىنىي سوتنىڭ ياردىمى بىلەن <بىدئەت> لەرگە رەھىمسىزلىك بىلەن زىيانكەشكىلىك قىلىپ، يەھۇدىيلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان. 1492 - يىلى، ئەرەبلەرنىڭ ئىمپېرىيە يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بازىسى گرانادانى قايتۇرۇۋالغان. شۇ يىلى كولۇمبۇنىڭ دېڭىز سەپىرى قىلىپ ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىشىغا ماددىي ياردەم بېرىپ، ئامېرىكا قىتئەسىنى مۇستەملىكە ۋە تالان - تاراج قىلىشنى پىلانلىغان.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.