Chinese→UyghurMain Dictionary
一七九一年宪法
دۇنيا تارىخى
1791-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن
فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ماقۇللانغان مونارخيلىك ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدىكى ئاساسىي قانۇن. بۇ ئاساسىي قانۇن 1789-يىلى 7-ئايدا ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنت تەرىپىدىن تۈزۈشكە تۇتۇش قىلىنىپ، 1791-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان. <كىشىلىك ھوقۇقى ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى خىتابنامىسى> بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ بېشىغا كىرگۈزۈلگەن. ئاساسىي قانۇننىڭ كىرىش سۆزىدە: <كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى> ئاساسىي قانۇننىڭ ئاساسىي پرىنسىپى دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ، فېئودال تەبىقە ئىمتىيازلىقىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ پۈتكۈل خەلققە مەنسۇپ بولىدىغانلىقى ۋە خەلقنىڭ كۆچۈش، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، تەلەپقويۇش، سۆز قىلىش ۋە ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بولىدىغانلىق جاكارلانغان. ئاساسىي قانۇندا فرانسىيىنىڭ ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى ئاساسىدىكى مۇنارخىيىلىك ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت ئىكەنلىكى، ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىۋېتىش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدىغانلىقى جاكارلانغان. بۇنىڭدا قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بىر پالاتا تۈزۈمىدىكى قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىدا بولىدۇ: ئۇقانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە قانۇنلارنى ماقۇللاشقا، قوراللىق كۈچلەرنى ئىدارە قىلىش، مالىيەنى باشقۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ مال - مۈلكىنى باشقۇرۇشقا، شەرتنامە تۈزۈش ۋە دۆلەتنىڭ مال ـ مۈلكىنى باشقۇرۇشقا، شەرتنامە تۈزۈش ھەمدە پادىشاھنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سۈلھ قىلىش ياكى ئۇرۇش ئېلان قىلىشتا ئاخىرقى قارارنى چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق؛ پارلامېنت ئەزالىرى ئىككى دەرىجىلىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ؛ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى پەقەت ئاكتىپ پۇقرالار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. مەمۇرىي ھوقۇق ۋارىسلىق قىلىدىغان پادىشاھقا مەنسۇپ بولىدۇ، پادىشاھقا جىسمانىي جەھەتتىن چېقىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، پادىشاھقا جىسمانىي جەھەتتىن چېقىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئۇ ھەرقايسى مىنىستىرلىكلەرنىڭ مىنىستىرى، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچى، ئالىي ئوفىتسېرلارنى ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەشكە، قانۇن دائىرىسىدە ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە، قانۇن لايىھىسىنى كېچىكتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق، ئەدلىيە ھوقۇقى سايلام بارلىققا كەلگەن. سوتچىغا مەنسۇپ بولىدۇ. زاسېداتېللىق ھۆكۈم چىقىرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەينى چاغدىكى فرانسىيىنىڭ 26 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسى ئىچىدە 4 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئاكتىپ پۇقرا بولۇپ ھېسابلانغان. بۇ ئاساسىي قانۇن فرانسىيىنىڭ ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەدىكى مۇستەملىكىلىرى ۋە ئۆزىگە قاراشلىق رايونلىرىغا تەتبىق قىلىنمايتتى. بۇ فرانسىيە تارىخىدىكى تۇنجى يازما ئاساسىي قانۇن ئىدى.