Chinese→UyghurMain Dictionary
伊普希朗蒂
دۇنيا تارىخى
ئىپسلانتى
گرېتسىيىنىڭ ئاقسۆڭەك نەسەبىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. مەشھۇرلىرى: (1) ئالېكساندر ئىپسلانتى (1726 - 1807). ۋالاخىيە ھۆكۈمرانى (1774 - 1782، 1796 ) 1797( ۋە مولدۇۋا ھۆكۈمرانى )1786 - 1788(. ھاكىمىيەت بېشىدىكى مەزگىلدە، باجنى تەرتىپكە سېلىپ ئىككى كىنەزلىكنىڭ سودا ۋە قول سانائىتىنى راۋاجلاندۇرغان ھەمدە ۋالاخىيىدە قانۇن تۈزۈپ چىققان. )2( كونستانتىن ئىپسلانتى )1760 - 1816(. ئالېكساندرنىڭ ئوغلى. 1799 - 1802، 1802 - 1806 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن مولدۇۋا ۋە ۋالاخىيىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان. 1806 - يىلى روسىيىگە كۆچۈپ كەتكەن. )3( ئالېكساندر ئىپسلانتى )1792 - 1828(. كونستانتىنىڭ ئوغلى. 1817 - يىلى روسىيە ئارمىيسىنىڭ گېنېرال مايورى بولغان. 1820 - يىلى 4 - ئايدا گرىتسىيە مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتى - خېتائىرىيەگە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 1821 - يىلى 3 - ئاينىڭ 6 ـ كۈنى بىر كىچىك قىسمىنى باشلاپ مولدۇۋانىڭ پايتەختى - ياسسىغا بېرىپ، بالقان خەلقىنىڭ تۈركىيىنىڭ زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قوزغىلىڭىنى قوزغىغان؛ كۈرەش داۋامىدا، رۇمىنىيە قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى تۇدور ۋلادىمىرېسكۇ بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، رومىنىيە دېھقانلىرىنىڭ ھېسداشلىق قىلىشىدىن مەھرۇم بولغان، شۇ يىلى 6 - ئايدائۇنىڭ قوشۇنى دراگاسانىنىڭ يېنىدا تۈركىيە قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلغان، ئۆزى ئاۋسترىيىلىكلەرگە تەسلىم بولغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغان. 1877 - يىلى روسىيەنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن. )4( دېمېترى ئىپسلانتى )1793 - 1832( كونىستانتىننىڭ ئوغلى، ئالېكساندرنىڭ ئىنىسى. ئەسلىدە روسىيە ئارمىيىسىدە ئوفىتسېر بولغان. 1821 - يىلى 6 - ئايدا، خېتائىرىيىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى سۈپىتىدە، پېلوپوننېسقا بېرىپ، بۇرژۇئا رادىكارللىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 1821 - يىلى 11 - ئايدا، مىللىي پارلامېنت تەرىپىدىن قانۇن چىقىرىش ئۆمىكىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ماۋروكواداتو باشچىلىقىدىكى پېلوپوننېس كونسېرۋاتىپ بۇرژۇئازىيىسى ۋە چوڭ يەر ئىگىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، سىياسىي پائالىيەتتىن ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا داۋاملىق قاتناشقان. 1828 - يىلى زۇڭتۇڭ كاپودىسترىيە تەرىپىدىن گرىتسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن.