Chinese→UyghurMain Dictionary
伊浦味箴言
دۇنيا تارىخى
ئىپوئۇر نەسىھەتلىرى
ئىپوئۇر سۆزلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى مىسىر ۋەسىقىسى. مېمپىس يېنىدىكى ساكارا قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان. ھازىر گوللاندىيىنىڭ لېيدىن مۇزېيىدا ساقلانماقتا (پاپىروس قەغەز نومۇرى 344). ئەسلى تېكىستنىڭ باش - ئايىغى يىرتىلىپ كەتكەن. ئوتتۇرىسىدىمۇ كەم جايلىرى بار. تەخمىنەن يېڭى سۇلالە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يېزىلغان، لېكىن تەتقىقاتچىلار ئۇنى تېخىمۇ ئىلگىرىكى دەۋرگە مەنسۇپ بولغان نەسرىي ئەسەر دەپ قاراشماقتا. ئاپتور ياكى ئېيتىپ بەرگۈچى ئىپوئۇر ھۆكۈمران سىنىپ ئادىمى بولۇپ، ئۇ نەسىھەت قىلىش تەلەپپۇزى بىلەن، قەدىمكى مىسىر تارىخىدىكى نامراتلار ۋە قۇللارنىڭ بىر قېتىملىق زور قوزغىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، قوزغىلاڭ يۇقىرى - تۆۋەن مىسىرنى قاپلاپ، <پۈتۈن زېمىن گويا چاق پىرقىرىغاندەك پىرقىراپ كەتكەن.> قوزغىلاڭنىڭ ۋاقتى توغرىسىدىكى قاراش ئوخشاش ئەمەس، ئومۇمەن ئوتتۇرا سۇلالە دەۋرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى) دەبولغان دەپ ھېسابلانماقتا. بۇ ھۆججەت مۇشۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.