UyghurMain Dictionary
ئېينىشتېين
دۇنيا تارىخى
(1879 - 1955) يەھۇدىي ئامېرىكىلىق فىزىك. گېرمانىيىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە شۋېتسارىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن، 1913 - يىلى گېرمانىيىگە قايتىپ، ۋىليام ىان تەتقىقات يۇرتى فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1933 - يىلى ناتسىستلار ھاكىميىتىنىڭ زىيانكەشلىكگە ئۇچراپ ئامېرىكىغا كۆچۈپ بېرىپ، پرىنستون ئالىي ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۆمۈرۋايەتلىك تەتقىقاتچىسى بولغان. 1940 - يىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. 1905 - يىلى تار مەنىدىكى نىسپىيلىكنى بەرپا قىلغان. 1916 - يىلى كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىككە كېڭەيتكەن. شۇنىڭدەك بلانكىنىڭ كۋانت نەزەرىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، بروئۇن ھەرىكىتىنى يېشىپ بەرگەن ۋە فوتۇن ئېففېكت قانۇنىنى تاپقان. 1921 - يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. كېيىن نىسپىيلىك <بىرلىك مەيدانى نەزەرىيىسى> نى بەرپا قىلىپ، ئېلېكتر ماگنىت مەيدانى بىلەن تارتىش كۈچىنى بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغان. نىسپىيلىك ئىدىيىسى ۋە ئۇسۇلى ھازىرقى زامان نەزەرىيىۋى فىزىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا دۇنيا تىنچلىقى يولىدا كۈچ چىقارغان.