Chinese→UyghurMain Dictionary
营养元素缺乏症
بىئولوگىيە
ئوزۇقلۇق ئېلېمېنت كەملىك كېسىلى
بىر خىل ياكى بىر قانچە خىل زۆرۈر ئېلېمېنت ئۆسۈملۈكنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغاندا، ئۆسۈملۈك نورمال ئۆسۈپ يېتىلەلمەيدۇ ھەمدە سىرتقى كۆرۈنۈشىدە ئالاھىدىلەشكەن كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ، بۇ خىل ھادىسە ئوزۇقلۇق ئېلېمنېت يېتىشمەسلىك كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئالامەتلىرى سارغىيىش (خلورىز كېسەللىكى)، سىئانىن ھاسىل بولۇپ توسقۇنلققا ئۇچراش، نېكروزلىنىش، پاكار بولۇپ قېلىش؛ سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى ئىنچىكە بولۇش ۋە ياغاچلىشىش، كۆپىيىش ۋە يېتىلىش ئىنتايىن ناچار بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار يېتىشمەسلىك كېسەللىكى مەلۇم خىل زۆرۈر ئېلېمېنت كەملىكتىن بولىدىغان مېتابولىزم قالايمىقانلىشىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپ ھاللاردا شۇ خىل ئېلېمېنتنى قوشۇش ئارقىلىق ئۆسۈملۈكنىڭ مېتابولىزمىنى تەڭشەپ، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ياخشىلىغىلى، ئېلېمېنت يېتىشمەسلىك كېسىلىنى يەڭگىللەتكىلى ياكى يوقاتقىلى بولىدۇ. بۇ زىرائەتلەرگە دىئاگنور قويۇش ۋە مايسىغا قاراپ ئوغۇت بېرىشنىڭ دەلىللىرىنىڭ بىرى.