Chinese→UyghurMain Dictionary
英法土互助条约
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە - فرانسىيە - تۈركىيە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى
تولۇق ئاتىلىشى <ئەنگلىيە - فرانسىيە ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى>. 1939-يىل 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، تۈركىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئەنقەرەدە ئىمزالىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنىڭ شەرققە ئىلگىرىلىشىنى توسۇش، تۈركىيىنىڭ ئۆزلىرى تەرەپتە تۇرۇشىنى كۈچىنىڭ بارىچە قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بۇ شەرتنامىنى ئىمزالىغان. ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق:ئەگەر تۈركىيە ياۋروپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندا، ئەنگلىيە، فرانسىيە بارلىق جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ؛ ئەگەر ياۋروپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتى تۈپەيلىدىن ئەنگلىيە، فرانسىيە، تۈركىيە ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى جەڭگە تارتىلىپ قالسا، ئۈچ دۆلەت بىر - بىرىنى بارلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئەگەر ئەنگلىيە - فرانسىيە 1939-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى گرېتسىيە ۋە رومىنيىگە ئايرىم - ئايرىم بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىش ئارقىسىدا ئۇرۇشقا تارتىلىپ قالسا، تۈركىيە - ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىگە بارلىق جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ. ئىككىنچى نومۇرلۇق كېلىشىمنامىدە ئەنگلىيە، فرانسىيە تۈركىيىنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن قوراللىق توقۇنۇشۇشقا مەجبۇر قىلمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئەنگلىيە، فرانسىيە تۈركىيىنى 25 مىليون فوندستېرلىك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىگەن. <ئەنگلىيە، فرانسىيە، تۈركىيە ئۆزئارا ياردم بېرىش شەرتنامىسى> ئارقىلىق تۈركىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە گۇرۇھىغا قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا ھەقىقىي ھالدا فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تەرەپتە تۇرمىغان.