Chinese→UyghurMain Dictionary
英波条约
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە - پېرسىيە شەرتنامىسى
Ⅹ Ⅸئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە ئىراننى (قەدىمدىن پېرسىيە دەپ ئاتىلاتتى) كونترول قىلىپ، ئۆزىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن ئىران بىلەن ئىمزالىغان تەڭسىز شەرتنامە. جەمئىي ئىككى قېتىم ئىزالانغان. (1) 1800ىلدىكى ئەنگلىيە - ئىران شەرتنامىسى: ئەنگلىيە فرانسىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىران ئارقىلىق ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ ئىراندىكى سودا مەنپەئىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 1800-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىران بىلەن سىياسىي ۋە سودا شەرتنامىسى ئىمزالىغان. شەرتنامىدە ئەگەر ئافغانىستان ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلسا، ئىران ئافغانىستانغا قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ، ئافغانىستان ئۆزىنىڭ ھىندىستانغا بولغان تەلىپىدىن ۋاز كەچمىگىچە، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىشقا بولمايدۇ؛ فرانسىيە تەسىر كۈچىنىڭ ئىرانغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ ئىران ئافغانىستان ياكى فرانسىيىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان چاغدا، ئەنگلىيە قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ئەنگلىيە ئىراندا سودا ئىمتىيازىغا ئىگە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. (2) 1814-يىلدىكى ئەنگلىيە - پېرسىيە شەرتنامىسى: ئەنگلىيە بىرىنچى قېتىملىق روسىيە - پېرسىيە ئۇرۇشى (1804 - 1813) دىن كېيىن ئىراندا كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان روسىيىنىڭ تەسىر كۈچىنى توسۇش ئۈچۈش، 1814-يىلى 11-ئايدا ئىران بىلەن ئىتتىپاق شەرتنامىسى ئىمزلىغان. شەرتنامىدە: ئىران ئەنگلىيە بىلەن قارشىلاشقۇچى بارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن تۈزگەن ئىتتىپاقىنى بىكار قىلىدۇ؛ ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئارمىيىىسنىڭ ئىران ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويمايدۇ؛ ئافغانىستان بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ؛ ئەنگلىيە ھەر يىلى ئىرانغا 200 مىڭ تۈمەن پۇل ياردەم قىلىدىڭ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ شەرتنامە ئىراننى سىياسىي ۋە مالىيە جەھەتتە ئەنگلىيىگە بېقىندۇرۇپ قويغان ھەمدە ئىككىنچى قېتىملىق روسىيە - پېرسىيە ئۇرۇشقا سەۋەب بولغان.