Chinese→UyghurMain Dictionary
一步生长曲线
بىئولوگىيە
بىر قەدەملىك ئۆسۈش ئەگرى سىزىقى
يازغۇچى باكتېرىئوفاگنىڭ پارازىت ئىگىسى ھۈجەيرىسىگە يۇقۇپ ھۈجەيرىنى پارچىلىغۇچە بولغان پۈتكۈل جەريانغا كەتكەن ۋاقىتنى ئابسىسا، باكتېرىئوفاگنىڭ سانىنى ئوردىنات قىلىپ، ۋاقىت بىلەن بۇ ۋاقىتتىكى باكتېرىئوفاگنىڭ سانىغا ئاساسەن، باكتېرىئوفاگ سانىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ۋاقىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىش ئەگرى سىزىقىنى سىزىپ چىققىلى بولىدۇ. بۇ ئەگرى سىزىق روشەن پەرقلىنىدىغان ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. يەنى يۇققاندىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە ۋىرۇسنىڭ سانى ئاساسىي جەھەتتىن كۆپەيمەيدۇ (بۇ مەزگىل باكتېرىئوفاگ كۆپىيىشنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى دەپ ئاتىلىدۇ)، ئۇنىڭدىن كېيىن، ھۈجەيرە يېرىلىپ زور مىقداردىكى باكتېرىئوفاگنى قويۇپ بېرىدىغانلىقتىن، ئەگرى سىزىق يۇقىرىغا تىك ئۆرلەيدۇ. (بۇ مەزگىل باكتېرىئوفاگنىڭ پارچىلاش دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ). ئەڭ ئاخىرىدا باكتېرىئوفاگنىڭ سانى كۆپەيمىگەنلىكتىن، ئەگرى سىزىق چوققىغا يېتىدۇ (بۇ مەزگىل تۇراقلىق مەزگىل دەپ ئاتىلىدۇ). شۇڭا بۇ خىل باكتېرىئوفاگنىڭ ھۈجەيرىگە يۇققاندىن كېيىنكى سانىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ۋاقىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىپاديلەيدىغان ئەگرى سىزىق بىر قەدەملىك ئۆسۈش ئەگرى سىزىقى دەپ ئاتىلىدۇ. بىر قەدەملىك ئۆسۈش ئەگرى سىزىقىدىن پايدىلىنىپ باكتېرىئوفاگنىڭ كۆپىيىشىنىڭ تۇراقلىق مىقدار تەتقىقاتىنى ئېلىپ بارغىلى ۋە يۇققان ھۈجەيرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېرىلىش مىقدارىنى تاپقىلى بولىدۇ.