Chinese→UyghurMain Dictionary
伊本.拨图塔
دۇنيا تارىخى
ئىبنى باتۇتە
(1304 - 1377) ئەرەب ساياھەتچىسى. تەنجە (ھازىرقى ماراكەشكە قارايدۇ) دە تۇغۇلغان. 1325 - يىلى يۇرتىدىن ئايرىلىپ، يىراق جايلارنى ساياھەت قىلغان. ئافرىقىنىڭ شىمالىي، سۈرىيە، ئەرەب يېرىم ئارىلى، كىچىك ئاسىيا، قارا دېڭىز ۋە كاسپىي دېڭىزى رايونى ھەمدە ئىران، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان، سەيلون (ھازىرقى سىرىلانكا)، ھىندىستان، مالاي تاقىم ئاراللىرى ۋە جۇڭگو قاتارلىق جايلارغا بارغان. 1349 - يىلى يۇرتىغا قايتىپ بارغان. 25 يىلدا 122 مىڭ كىلومېتىر يول باسقان. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بۇيرۇققا بىنائەن ئىسپانىيىدىكى مۇسۇلمانلار دۆلىتىگە ئەلچى بولۇپ بارغان. كېيىن يەنە غەربىي ئافرىقىدىكى مالى دۆلىتىدە زىيارەتتە بولغان. 1354 - يىلى مەملىكىتىگە قايتىپ كېلىپ، فېستا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. كېيىن ساياھەت جەريانىدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، ماراكەش سۇلتانىنىڭ كاتىپى مۇھەممەد ئىبنى جوزائى قەلەم تەۋرىتىپ <گۈزەل مەملىكەتلەرنى ساياھەت قىلغۇچىنىڭ خۇشاللىقى> دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان. بۇ ناھايىتى قىممەتلىك ساياھەت خاتىرىسى ھېسابلىنىدۇ.