Chinese→UyghurMain Dictionary
一八六一年印度议会法案
دۇنيا تارىخى
1861-يىلدىكى ھىندىستان پارلامېنت قانۇنى لايىھىسى
1861-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسى. ئۇنىڭدا قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ فۇنكىسىيىسى قانۇن چىقىرىش دائىرىسىدە قاتتىق چەكلىنىشى، ئۇ مەمۇرىي ئىشلار، مالىيە ئىشلىرى، ئارمىيە، دىنىي ئىشلار، بەگلىكلەرنىڭ ئىشلىرى، تاشقى مۇناسىۋەتكە دائىر مەسىلىلەرنى بىرياقىلىق قىلماسلىقى لازىم، سۈرۈشتە قىلىش ھوقۇقىمۇ بولمايدۇ، بومباي ۋە مادىراس ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى ئەسلىگەكەلتۈرۈلىدۇ؛ بېنگال، غەربىي شىمالدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر (ھازىرقى شىمالىي شتات)ۋەپەنجاپتا قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى، باش ۋالىي مەسلىھەت كېڭىشى(مەركىزىي قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى) ئايرىمئايرىم تەسىس قىلىنىدۇ؛ بومباي ۋە مادىراس ئۆلكىلىك قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ ئادەم سانى كۆپەيتىلىدۇ، جۈملىدىن ئۇنىڭ تەڭ يېرىمى ھۆكۈمەت دائىرلىرىدىن باشقا خادىملار بولىدۇ، كۆپەيتىلگەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنى باش ۋالىي تەيىنلەيدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىل بولىدۇ؛ كېيىنكى باش ۋالىي مەركەز ۋە جايلارنىڭ قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى ماقۇللىغان قانۇن لايىھىسىنى رەت قىلىش ھوقوقىغا ئىگە، جىددىي ئەھۋال ئاستىدا، چىقىرىلغان قانۇنلارنى مۇستەقىل ھالدا دەسلەپكى قەدەمدە مۇھاكىمە قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، باش ۋالىي ئىجرائىيە كومىتېتى تەسىس قىلىنىدۇ، بۇ كومىتېت ئالتە كىشىدىن تەركىپ تېپىپ ھەربىر كىشى بىر مەمۇرىي تارماقنى باشقۇرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.بۇ ئىسلاھات يېقىنقى زاماندىكى ھىندىستاننىڭ ئىچكى كابىنت ھۆكۈمىتىگە ئاساس سېلىپ بەرگەنىدى.