Chinese→UyghurMain Dictionary
伊阿宋
دۇنيا تارىخى
يازۇن
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى شەخس. ئىئولكوس (تېسالىيىدە) پادىشاھى ئازۇننىڭ ئوغلى. دادىسىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تاغىسى پېلناس تارتىۋالغان؛ پېلناس يازۇنغا كولكىس دېگەن يەردىكى <ئالتۇن يۇڭلۇق قوچقار> نى ئەكىلىپ بېرىدىغانلا بولساڭ، تەختنى ساڭا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن دېگەن. يازۇن كېمىگە ئولتۇرۇپ، كولكىس دۆلىتىگە كېلىپ مەلىكە مېدېيەنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، <ئالتۇن يۇڭلۇق قوچقار> نى ئوغرىلايدۇ ھەمدە مېدېيەنى ئېلىپ كېتىپ، توي قىلىپ، مەڭگۈ ساڭا سادىق بولىمەن، دەپ ۋەدە بېرىدۇ ھەمدە كېيىن ئىككى پەرزەنتلىك بولىدۇ، پېلناس ئازۇننى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. مېدېيە سېھىر بىەن پېلناسنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. يازۇن بىلەن مېدېيە پېلناسنىڭ ئوغلى ئاكاسىتوس تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن ئىككىسى كورىنتوسقا قېچىپ كېتىدۇ. كورىنتوستا يازۇن ۋاپاسىزلىق قىلىپ پادىشاھ كىرېئوننىڭ قىزى گلائوسې بىلەن توي قىلىدۇ. مېدېيە ئۆزىنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىدىن غەزەپلىنىپ ئەسەبىيلىشىپ، قىساس ئالماقچى بولىدۇ، ئۇ ئالدى بىلەن قىزغا (مەلىكە گلائۇسې) تويلۇق كىيىم سوۋغا قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، فوسفورلۇق زەھەر سۈرتۈلگەن يېڭى كىيىم تەقدىم قىلىدۇ، مەلىكە كىيىمنى كىيىشى بىلەنلا ئوت كېتىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. دادىسى قىزىنى قۇتقۇزماقچى بولغان بولسىمۇ بەختسىزلىككە ئۇچرايدۇ. يەنە كەسكىن ۋە ئازابلىق ئىچكى روھىي توقۇنۇشتىن كېيىن، ئۆز قولى بىلەن ئىككى بالىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ۋاپاسىزلىق قىلغان يازوننى ئازابلايدۇ؛ يازۇن ئاخىرى تەقدىرنىڭ ئاچچىق شەربىتىنى تېتىشقا مەجبور بولىدۇ. قەدىمكى يۇناندىكى تراگېدىيە بويىچە ئۈچىنچى چوڭ يازغۇچى ئېئورىپىدېسنىڭ مەشھۇر ئەسىرى <ھېدېيە> دە ئۈجمە كۆڭۈل يازۇن كۈچلۈك قامچىلانغان ھەمدە <مېدېيە> كومېدىيە ساھەسىدە بىر تىپاق ئايلاندۇرۇلغان.