Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېھتىياج قاتلاملىرى نەزەرىيىسى
پسىخولوگىيە
需要的层次论
xū yào de céng cì lùn
بۇ پسىخولوگىيىدىكى ئېھتىياج توغرىسىدىكى نەزەرىيە. بۇ نەزەرىيە ماسلونىڭ 1943 - يىلى نەشىر قىلىنغان «كىشىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش نەزەرىيىسى» دېگەن كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماسلو ئىنسانلارنىڭ خىلمۇ خىل ئېھتىياجلىرىنى ئۇلارنىڭ مۇھىملىقى ۋە پەيدا بۇلۇشىنىڭ ئالدى - كېيىنلىك رېتىگە ئاساسلىنىپ بەش دەرىجىگە بۆلگەن: (1) فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياج. مەسىلەن، كىيىم، يېمەكلىك، تۇرار جاي، ھەرىكەت؛ (2) بىخەتەرلىك ئېھتىياجى. مەسىلەن، كىشىنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكى، كەسپىي بىخەتەرلىكى؛ (3) ئىجتىمائىي ئالاقە ئېھتىياجى. مەسىلەن، دوستلۇق، ھېسسىيات، تەۋەلىك؛ (4) ھۈرمەت ئېھتىياجى. مەسىلەن، ئۆز ئىززەت - ھۈرمىتىنى ساقلاش، ھۈرمەتلىنىش، ئابروي، نوپوز، مەرتىۋە، ئورۇن؛ (5) ئۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېھتىياجى. مەسىلەن، ھۆددىسىدىن چىقىش ھېسسىياتى، مۇۋەپپەقىيەت ھېسسىياتى. ماسلونىڭ قارىشىچە، بۇ بەش خىل ئېھتىياج رەت بويىچە تەدرىجىي يۇقىرى ئۆرلەيدىغان قاتلاملار بولۇپ، بىر دەرىجە تۆۋەن ئېھتىياج ئاساسەن قاندۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر دەرىجە يۇقىرى ئېھتىياج ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىدۇ. ماسلو 1954 - يىلى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى يەتتە قاتلامغا كەلتۈردى. («ئېھتىياج» غا قاراڭ.