UyghurMain Dictionary
ئېھتىياج
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مۇھتاجلىق، ھاجەتمەنلىك، ئېھتىياج، زۆرۈرىيەت:
قوپۇپ يولغا كىردىم بولۇپ نا ئىلاج،
كى بىر پارە نانغە بولۇپ ئېھتىياج.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
دىلبەرىڭدەك كىم تاپىپدۇر، ئەي قەلەندەر، سەلتەنەت،
جەننەتى كويۇڭغە باردۇر ھۇر غىلمان ئېھتىياج.
قەلەندەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
زۆرۈرىيەتتىن كېلىپ چىققان تىلەك، ئۈمىد.
تاغ ئېگىز ، تەلەپ تاغدىنمۇ ئېگىز. ئېھتىياج ھەممىنى دېگۈزىدۇ، ئۇچرىغاننى يېگۈزىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇھتاجلىق تەلىپى.
دوستۇڭنىڭ بۈگۈن ھاجىتى چۈشسە، ئەتىگە قالدۇرما. ئىتقا ھاجىتىڭ چۈشسە ئۇكام دە. ئەگەر بىرەر كىشىنىڭ ساڭا ئېھتىياجى بولسا، ھەرگىز رەت قىلما، ھاجىتىنى راۋا قىل، قۇرۇق قايتۇرما. شىرنىمۇ قىلغۇچى تۈلكە مىجەز ئېھتىياجىدۇر، ئېھتىياجىدۇر، ئېھتىياج. پەسكەش ئادەم ئېھتىياج ئالدىدا ۋەدە قىلىپ، قانائەت ئالدىدا يۈز ئۆرۈيدۇ.
پسىخولوگىيە
بۇ ئورگانىزمنىڭ ياشاش، تەرەققىي قىلىش شارائىتىغا بولغان تەلىپى ۋە ئۆزلەشتۈرۈۋېلىش مايىللىقى. ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەتتە سۇبيېكتىپ جەھەتتە ئۈمىد، ئارزۇ، قىزىقىش، قانائەتلىنىش ياكى قانائەتلەنمەسلىك شەكلىدە تۇيۇلىدىغان كىشىنىڭ ھەرىكەت ۋە پائالىيىتىنىڭ بىۋاسىتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى.
كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى خىلمۇ خىل بولىدۇ. ئېھتىياجنى كېلىپ چىقىشى بويىچە فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياج بىلەن ئىجتىمائىي ئېھتىياجغا بۆلۈش مۇمكىن. فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياج تەبىئىي ئېھتىياج دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئېھتىياج ئورگانىزمنىڭ داۋاملىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھاياتىغا كېرەكلىك تاشقى ئوبيېكتىپ شارائىت ۋە فىزىئولوگىيىلىك شەرتلەر (مەسىلەن، كۈن نۇرى، ھاۋا، سۇ، ئوزۇقلۇق، دەم ئېلىش، ئۇيقۇ، سىرتقا چىقىرىش، جۈپلىشىش، قوغدىنىش قاتارلىقلار) گە بولغان تەلەپنىڭ ئىنكاسى. بۇ خىل ئېھتىياجنىڭ قاندۇرۇلۇشى مەلۇم ئوبيېكت ياكى مۇئەييەن تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئىجتىمائىي ئېھتىياج ئىنسانغىلا خاس ئېھتىياج. بۇ ئىنسانلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپپ بارغان ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئالاقىلىشىش جەريانىدا، تەبىئىي ئېھتىياج ئاساسىدا شەكىللەنگەن. مەسىلەن: سەھنە ئۇيۇنلىرى، كىنو، سەنئەت، گېزىت - ژۇرنال، رادىئو، پوچتا - تېلىگىراف ئارقىلىق خەۋەرلىشىش، قاتناش - ترنسىپورت، پەن - تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرگە بولغان ئېھتىياجلارنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائىي ئېھتىياج ھېسابلىنىدۇ. ئېھتىياج ئوبيېكتىگە قاراپ ماددىي ئېھتىياج بىلەن مەنىۋىي ئېھتىياجغا بۆلۈنىدۇ. ماددىي ئېھتىياج يەنى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتتىن ئېلىنغان مەھسۇلاتلارغا (مەسىلەن، ئاشلىق، كۆكتات، مېۋە قاتارلىق) بولغان تەلەپلىرىنىڭ ئىنكاسى. ھەم ئىجتىمائىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرىغا (مەسىلەن، گېزىت - ژۇرنال، كىتاب، مۇزىكا ئەسۋابلىرى، تېلېۋىزىيە ئاپپاراتى قاتارلىقلارغا) بولغان ئېھتىياج ئىنكاسى. دېمەك، ماددىي ئېھتىياج تەبىئىي ئېھتىياجنىمۇ، ئالىي دەرىجىلىك ئىجتىمائىي ئېھتىياجنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەنىۋىي ئېھتىياج كىشىلەرنىڭ ئەقلىي قابىلىيەتلىرىنى، ئەخلاق، ئىستېتىك قابىلىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان شەرتلەر توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنىڭ ئىنكاسى. مەسىلەن، بىلىش ئېھتىياجى، بىلىم، ماھارەتكە ئېرىشىش، ئەقلىي قابىلىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجى ۋە ئىجادىيەت، گۈزەللىكتىن ھوزۇرلىنىش ئېھتىياجلىرى مەنىۋى ئېھتىياجغا كىرىدۇ.
ئېھتىياجنى تۈرگە بۆلۈش مەسىلىسىدە قاراشلار ئوخشاش ئەمەس. بۇلاردىن تەسىرى چوڭراق بولغىنى ئامېرىكىلىق ماسلونىڭ «ئېھتىياج قاتلاملىرى نەزەرىيىسى». ماسلو ئېھتىياجنى يەتتە خىل سەۋىيىگە ئومۇملاشتۇرغان (1954 - يىل). ئەھمىيىتى بويىچە بۆلۈنگەن يەتتە قاتلام مۇنداق: (1) فىزىئولولوگىيىلىك ئېھتىياج. ئاشلىققا بولغان ئېھتىياج، سۇغا بولغان ئېھتىياج، جىنسىي ئېھتىياج، ئۇخلاش ئېھتىياج قاتارلىقلار. (2) بىخەتەرلىك ئېھتىياجى. مەسىلەن، تۈرلۈك بىخەتەرلىك (ھاياتلىق، مال - مۈلۈك، كەسىپ، پسىخىكىلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قورقۇنۇشتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى. (3) ئۆزئارا بېقىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھەببەت ئېھتىياجى. مەسىلەن: باشقىلار بىلەن كەلدى - باردى قىلىش، باشقىلارنى سۆيۈش ۋە باشقىلارنىڭ سۆيۈشىنى قوبۇل قىلىش، ئائىلە قۇرۇش، تەۋەلىك ئېھتىياجى قاتارلىقلار. (4) ھۈرمەت ئېھتىياجى. مەسىلەن: ئۆزىنى ھۈرمەتلەش، باشقىلارنى ھۈرمەتلەش، ماختاشقا ئېرىشىش ئېتىياجى (5) تۇنۇش ئېھتىياجى. مەسىلەن: بىلىش، چۈشىنىش، ئىزاھلاش ئېھتىياجى (6) گۈزەللىك ئېھتىياجى. مەسىلەن: رەتلىك، بىر بىرىگە ماسلاشقان بولۇش ئېھتىياجى (7) ئۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېھتىياجى. ئۆز ئۆزىنى قانائەتلەندۈرۈش، ئۇتۇق قازىنىش، ئەڭ ئېسىل يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجى.
ماسلونىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ تەرەققىياتىدا بۇ يەتتە خىل ئېھتىياج تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي يۈكسىلىدۇ. فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياج ئەڭ ئاساسىي ئېھتىياج بولۇپ، پەقەت ئالدى بىلەن فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياج قاندۇرۇلغاندىلا، ئاندىن بىخەتەرلىك ئېھتىياجغا ۋە باشقا يۇقىرى ئېھتىياجلارغا تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ. بىر دەرىجە يۇقىرى ئېھتىياجنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن، بىر دەرىجە تۆۋەن ئېھتىياجنى مۇۋاپىق ھالدا قاندۇرۇش كېرەك. ئالدىنقى ئالتە دەرىجە ئېھتىياج ئارقىمۇ ئارقا قاندۇرۇلغاندىلا، ئاندىن ئۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يۈزلىنىشى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ ئېھتىياجى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولىدۇ. ئوخشىمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھەر كىمنىڭ ئېھتىياجىمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ۋە قۇرۇلمىغا ئىگە بولىدۇ. ھەممىنى بىر خىل دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كىشىلەردە يەنە بىر خىل غايىنى قانائەتلەندۈرۈش ئېھتىياجى بولىدۇ. بۇنداق ئالىيجانابلىق ئېھتىياجغا ماسلو توختالمىغان.
ئادەملەرنىڭ ئېھتىياجى بىر تەرەپتىن تەبىئىي ماھىيەتلىك بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت جەريانىدا قاندۇرۇلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. ئۇ ئىجتىمائىيلىققا، تارىخيلىققا ئىگە. ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋر ۋە ئوخشىمىغان سىنىپىي ئورۇندىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئوخشاش بولمايدۇ. ئىككىنچى، ئېھتىياج ئورگانىزمنىڭ بىر خىل ئىچكى ھالىتى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزىنى تاشقى ماددىي تۇرمۇش شارائىتى بەلگىلەيدۇ. تاشقى شارائىتتىن ئايرىلسا، بۇ ئېھتىياجلارنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ئەھمىيتى قالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئىپادىلىنەلمەيدۇ. ھەمدە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۈچىنچىدىن، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت جەريانىدا ئادەمنىڭ يېڭى - يېڭى ئېھتىياجلىرى ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئەمەلىيەت كىشىلەر ئالدىغا تۈرلۈك يېڭى مەسىلىلەرنى قويۇپ تۇرۇشى مۇقەررەر. بۇ يېڭى مەسىلىلەر بىر خىل ئوبيېكتىپ كۈچ بولۇپ، كىشىلەرنى ئۇنى ھەل قىلىشقا قىستايدۇ. بۇ خىل ئوبيېكتىپ كۈچ ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي ئېھتىياجدا ئىپادىلىنىدۇ. يەنى جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ تەلىپىدە ئىپادىلىنىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسى ئىجتىمائىي ئېھتىياجنى ئاڭلىق ئىجرا قىلىش ئارقىلىق شەخسنىڭ ئېھتىياجىغا ئايلانغاندا، ئاندىن ئۇ جەمىئىيەت ئېھتىياجى بولالايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئېھتىياجنىڭ ئىجتىمائىي، تارىخىيلىقى شەخسى ئېھتىياج ئىچىدە ئىپادىلىنىدۇ شۇ ئاساستا ئىجتىمائىي ئېھتىياج گەۋدىلىنىدۇ، بۇ ئېھتىياجلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى كىشىلەر تۇرغان ئىجتىمائىي ماددىي تۇرمۇش شارائىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنى بىۋاسىتە گەۋدىلەندۈرىدۇ. بىر خىل ئېھتىياج قانائەتلەندۈرۈلسە، يەنە يېڭى ئېھتىياج كېلىپ چىقىدۇ. كىشىلەر يېڭى ئېھتىياجغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئەسلىدىكى پسىخىك سەۋىيىسىنى يېڭى يېڭى بىر سەۋىيىگە كۆتىرىشى كېرەك. مۇشۇ يېڭى ئېھتىياج بىلەن ئەسلىدىكى پسىخىك سەۋىيە ئارىسىدىكى مۇنداق زىددىيەتتىن پسىخىك پائالىيەتنىڭ ئاساسى ياكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قۇرۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر نەرسىگە بولغان تەلەپ، ھاجەت، زۆرۈرىيەت، موھتاجلىق.
ئېھتىياجى چۈشمەك. ئېھتىياجىدىن چىقماق.