Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېگىر
بىئولوگىيە
菖蒲
chāngpú
چايانئوت ئائىلىسىگە كىرىدىغان، كۆپ يىللىق سۇدا ياشايدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۇرىقى بولىدۇ، يىلتىزسىمان غولى توم، يوپۇرمىقى نەيزىسىمان بولۇپ، ئوتتۇرا تومۇرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە چىقىپ تۇرىدۇ، يوپۇرماق غىلىپى قاتلىنىدۇ، گىرۋىكى پەردىلىشىدۇ. ئورىغۇچى يوپۇرمىقى يالقۇنسىمان، گۆشلەشكەن بولۇپ باشاقسىمان گۈل رېتى سىلىندىرسىمان بولىدۇ. گۈلى قوش جىنسلىق؛ گۈل يېپىنچىسى ئالتە، ئۇچى تەكشى، ئىچىگە ئېگىلگەن، ئېگىزلىكى ئۇرۇقدان بىلەن تەڭ بولىدۇ. مېۋىسى چىڭ يېپىشىپ تۇرىدۇ، رەڭگى قىزىل، مېۋە مەزگىلىدە گۈل رېتى توملىشىپ 16 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ئۇ شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە شەرقىي ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەمدە جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇ سازلىق ۋە ئېرىق بويلىرىدا ئۆسىدۇ. خەلق ئىچىدە چۈش مەزگىلىدە ئېگىر يوپۇرمىقى بىلەن ئەمەننى بىر باغلام قىلىپ، ياكى ئېگىرنىڭ گۈل رېتىنى كۆيدۈرۈپ پاشا قوغلايدۇ؛ يەر باغىرلىغۇچى غولى رېماتىزمنى داۋالايدۇ ھەمدە قۇرت چۈشۈرىدۇ؛ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپىدىن خۇش پۇراق ماي كراخمال ۋە تالانىڭ خام ئەشياسى ئايرىۋېلىنىدۇ. يىلتىزسىمان غولى دېھقانچىلىق دورىسى قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئېگىر يەنە مەنزىرە ئۆسۈملۈكىمۇ قىلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
chāng pú
菖蒲
ئۆسۈملۈك
大叶菖蒲
dà yè chāng púDئۇنىۋېرسال
昌蒲
chāng pú
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
菖蒲
chāng pú
بۇ ئېگىر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئىگىرگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،
ئېگىزلىكى 50 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ پۈتۈن تېنى سېسىق پۇرايدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى توغرىسىغا ئۆسىدۇ، سىرتقى پوستى سارغۇچ قوڭۇر،
ئىچكى قىسمى سۇس ھال رەڭ بولۇپ، نۇرغۇنلىغان چاچما يىلتىزلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى تۈۋىدىن توپلىشىپ، تىك ئۆسىدۇ، شەكلى خەنجەرسىمان
يىپ شەكىللىك، يوپۇرماق تومۇرى پاراللېل بولۇپ، ئوق تومۇرى ئېنىق كۆرۈنىدۇ؛ گۆشلۈك باشاقسىمان گۈل رېتى بولۇپ، شەكلى يۇمىلاق
تۈۋرۈكسىمان، گۈلى كىچىك، رەڭگى سۇس يېشىل كېلىدۇ. شىرنىلىك مېۋىسى ئۇزۇن، سوقىچاق بولۇپ، پىشقاندا قىزىرىدۇ، تەمى ئاچچىق.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى ئىشلىتىلىدۇ.
باھاردا ۋە كۈزدە قېزىۋېلىپ، چاچما يىلتىزلىرىنى ئېلىۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ، نېپىز
يالپاقلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى ۋادىسىدا كۆپ ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، يەلنى ھەيدەش، ئاغرىقنى پەسەيتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئېگىر، كەرمان، بىستىپايەنج، ئۈستقۇددۇس تاشپاقا قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن سەككىز گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا
ئاجىزلىقى، ئۇنتۇغاقلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام ئېگىرگە تەڭ مىقداردا مامكاپ، ئارپا ئۈندۈرمىسى، تۇرۇپ ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك
ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
15 گرام ئېگىرگە چوڭ يوپۇرماقلىق جىنتىيانادىن 12 گرام قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا ياخشى مەنپەئەت
قىلىدۇ.
ئېگىر، كەرمان، قانتېپەر، نېلۇپەر ئۇرۇقىدىن 12 گرامدىن، قارا ئەندىزدىن ئالتە گرام، ياۋا كەشمىردىن 12 گرام، پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقىدىن 12
گرام ئېلىپ، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل ئېگىرنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چىيقانغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئالتە گرام ئىگىرنى 12 گرام نېلۇپەر ئۇرۇقى، 10 گرام قانتېپەر، سەككىز گرام مامرانچىن بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە،
سوزۇلما خاراكتېرلىك تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام ئېگىرنى 10 گرام كەرمان، 10 گرام ئارچا ئۇرۇقى، 20 گرام خام لۇڭگۇ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۈرەك سېلىش ۋە
ئۇنتۇغاقلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىگىر كەرمان، قوڭغۇراقگۈل، يۇلتۇزگۇل، سوغىگۈلنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەلغەمنى
بوشىتىپ، يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.