UyghurMain Dictionary
ئىگىلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئىگە بولماق، قولغا كىرگۈزمەك، ئىشغال قىلماق.
ئۆيدىكى ئاتا - ئانىدىن قالغان مۈلۈكلەرنى ئۇ ئىگىلىدى.
كۆچمە. قاپلىماق، چۇلغىماق، باسماق، ئەكس ئەتمەك.
ھاياتتىن، كىشىلەردىن بىزار بولۇشتەك بىر خىل تۇيغۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى ئىگىلىدى.
تەشكىل قىلماق، تەشكىل تاپماق، تۇتماق.
بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندا مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
كۆچمە. چىڭ تۇتماق.
پۇرسەت ئىگىلىمەك. پەيت ئىگىلىمەك.
كۆچمە. چۈشەنمەك، ئۇقماق، بىلمەك.
ئەھۋال ئىگىلىمەك.
كۆچمە. ئۆگەنمەك، ئۆگىنىۋالماق، بىلىۋالماق، ئۆزلەشتۈرمەك؛ ئالماق.
بىلىم ئىگىلىمەك. تېخنىكا ئىگىلىمەك. چەت ئەل تىلىنى ئىگىلىمەك.