UyghurMain Dictionary
ئېغىزنىڭ پاشنىسى يوق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۇيۇقسىز سۆزلەپ سالغاندا، ئۆزرىخاھلىق يۈزىسىدىن ئېيتىلىدۇ.
ئېغىزنىڭ پاشنىسى يوق دېگەن گەپ راست ئىكەن، بىلمىدىم. بۇ گەپنى دەپ ساپتىمەن. خېنىم خاپا بولمىسا، ئېغىزنىڭ نۇقتىسى يوق دەپتىكەن، ئاغزىمدىن چىقىپ كەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئېغىز دېگەندىن ھەممە گەپ چىقىدۇ، ئېغىزدىن چىقمايدىغان گەپ يوق.
ئۇ <ئېغىز دېگەننىڭ پاشنىسى يوق، ئەگەر بىرەر قاملاشمىغان سۆز ئاغزىمدىن چىقىپ كەتسە، ياكى ئۇنىڭغا ياقمايدىغان سۆزلەرنى ئېيتىپ قويسام، بالاغا قالمايمەنمۇ> دەپ ئەندىشە قىلىپتۇ.