UyghurMain Dictionary
ئېغىر كەلمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ماسسىسى، ۋەزنى چوڭ كەلمەك.
قارىماققا كىچىك كۆرۈنگەندەك تۇرغان بىلەن جىڭدا تارتساڭ ئېغىر كېلىدۇ.
ھار كەلمەك.
قىزنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسى ماڭا بىر ئاز ئېغىر كەلدى.
تەس تۇيۇلماق.
ئۇنىڭغا ئىش خېلىلا ئېغىر كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، ئۆزىنىڭ ئەپچىل چارىسىدىن بەكمۇ خۇشال بولۇپ، ئالدىراپ مەكتەپكە كەتتى.
ئارتۇقچە بولماق، زىيادە ئېغىر تۇيۇلماق.
بۇ مەزگىلدە ھاۋا خېلىلا ئىسسىپ، پاختىلىق چاپانلار ئېغىر كېلەتتى.