UyghurMain Dictionary
ئېغىر بېسىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
«ئېغىر - بېسىق»يۈرۈش - تۇرۇش، خۇي - پەيلى تۇتاملىق ۋە تۇراقلىق.
تەمكىن پىل پەللىگە ھودۇققان ئاتتىن بۇرۇن بارىدۇ. ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىڭىزنى ۋەزمىن ۋە خۇشال تۇتۇڭ، سالماق بولساڭ، زەخمەت چەكمەيسەن. ئېغىر - بېسىق بولار. ئېغىر - بېسىق بولساڭ، ھۆرمەت تاپىسەن. ئۆزىنى توختاتقان ھەرقاچان غالىب.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مىجەز - خۇلقى تۇراقلىق ۋە تۇتاملىق.
ئالىجوقا، شاللاق، شېتىلە، شەپشەك، ئۆزىنى توختاتمىغان
مىجەز - خۇلقى تۇراقسىز، تۇتامى يوق.
تەمكىن پىل ھودۇققان ئاتتىن پەللىگە بالدۇر بارىدۇ. ۋەزمىن يىگىت ھۈرمەتكە لايىق. ئېغىر - بېسىق ئادەمنى شەيتان ئالدىيالمايدۇ. ئۆزىنى توختاتقان ئادەم - ئۇلۇغلۇققا قەدەم قويغان ئادەم. گاچىغا ئۇچرىغان ئالىجۇقىمۇ ھارىدۇ. شاللاق خوتۇنغا سوقۇر ئەر ياخشى. خوتۇنى شېتىلە بولسا، ئېرىنىڭ قارىغۇ بولغىنى ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئۆزىنى توختاتقان، سالماق، ئاسان چېچىلىپ كەتمەيدىغان.
ئېغىر - بېسىق ئادەم. ئېغىر - بېسىق بولماق.