UyghurMain Dictionary
ئېگبېرت
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 775 - 839) ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنگلىيە غەربىي ساكىس كورۇلى (802 - 839). كېنت پادىشاھلىقىنىڭ شاھزادىسى. ئۇنىڭ جەمەتى غەربىي ساكىستا تەىتىنى ئۇزاق ۋاقىت تىزگىنلىۋالغان. مىلادى 789 - يىلى غەربىي ساكىس كورۇلى تەرىپىدىن ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا سۈرگۈن قىلىنىپ، چارلېس ئېمپېراتور ئوردىسىدا 13 يىل تۇرغان، 802 - يىلى ئەنگلىيىگە قايتىپ، غەربىي ساكىستا تەختكە چىققان. 815 - يىلى كورىنۋاللنى تارتىۋالغان ۋە ئىشغال قىلىۋالغان. 825 - يىلى خۇمبېر دەرياسىنىڭ جەنۇبىنى سوراۋاتقان مېرىسىينى يەڭگەن؛ كېنت، شەرقىي ساكىس، جەنۇبىي ساكىس قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. 829 - يىلى مېرىسىينى بويسۇندۇرغان، نورتۇمبرىيىنى ئەل بولۇشقا مەجبور قىلغان. شۇنىڭ بىلەن يەتتە دۆلەت دەۋرىگە خاتىمە بېرىپ، بىرلىككە كەلەەن ئەنگلىيە كوۇللۇقىنى قۇرغان. 838 - يىلى دانىيىلىكلەرنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. كورۇل ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، خرىستىئان دىنىنى قوغداش سىياسىتنى قوللانغان.