UyghurMain Dictionary
ئېفىر
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
فىزىكا
بۇرۇن ئالەم بوشلۇقىدا مەۋجۇت بولىدۇ دەپ پەرەز قىلىنغان، يورۇقلۇقنى تارقىتىدىغان بىرخىل ئېلاستىك مۇھىت. مىلادىيە ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەيدان ھەققىدىكى تەتقىقاتلار، يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىشى ۋە بارلىق ئۆزئارا تەسىرلەرنىڭ ئۇزىتىلىشى ھەرخىل مەيدانلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى پۈتۈنلەي مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئېفىر كونىراپ كەتكەن ئۇقۇم سۈپىتىدە قالدۇرۇلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە>گرېكچە
خىمىيە
ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ بىر تۈرى. بىرئ وكسىگېن ئاتومىنىڭ ئىككى ھىدروكاربون رادىكالىنى باغلاپ تۇرۇشىدىن ھاسىل بولىدۇ. كۆپچىلىكى سۇيۇقلۇق. مەسىلەن، ئېتىل ئېفىرغا ئوخشاش.