Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېفىكرات
دۇنيا تارىخى
伊菲克拉特
yī fēi kè lā tè
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 415 - 353)، قەدىمكى ئافىنا قوماندانى، مىلادىدىن 393 يىل ئىلگىرى ئافىنا قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ ۋە تاكتىكىنى ئىسلاھ قىلىپ، لەشكەرلىرىنى يېنىك دۇبۇلغا - ساۋۇت، قالقان، ئۇزۇن نەيزىلەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئىككىنچى يىلى سپارتانىڭ ئېغىر قوراللار بىلەن قوراللانغان پىيادە ئەسكەرلىرىنى كورىنتوستا يېڭىپ، نامى چىققان. مىلادىدىن 388 يىل ئىلگىرى، كىچىك ئاسىيانىڭ ئانتاندرۇس (ھىللېسپونتنىڭ جەنۇبىدا) دېگەن يېرىدە يەنە سپارتا قوماندانى ئاناكسىبېئوسنى يەڭگەن ۋە ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئارقىدىنلا فراكىيىگە بېرىپ پادىشاھ كوتىس بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ھەمدە ئۇنىڭ قىزىنى نىكاھىغا ئالغان. مىلادىدىن 377 يىل ئىلگىرى بۇيرۇققا بىنائەن پارنا بازۇس (پېرسىيە باش ۋالىيسى) نىڭ مىسىرغا ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بېرىپ مەغلۇپ بولغان. مىلادىدىن 373 - 371 يىلى ئىلگىرى كوركىرا ئارىلى (ئىئونىيە دېڭىزىدا) نى قوغدىغان؛ مىلادىدىن 367 يىل ئىلگىرى يەنە ئامپىپولىس (ئېگېي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا) غا ھۇجۇم قىلغان. ئۇ ھەم پاراسەتلىك، ھەم جاسارەتلىك بولۇپ، ئافىنانىڭ پېلوپوننېس ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەشھۇر سەركەردىسى ھېسابلانغان.