UyghurMain Dictionary
ئەزرائىل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاللا ئەزىزدۇر؛ ئۇلۇغ، شانلىق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
جان ئالغۇچى پەرىشتە.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جىبرىئىل،مىكائىل ۋە ئىسرافىل بىلەن بىر قاتاردىكى تۆت پەرىشتىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە ئۇنىڭ ئىسىمى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇ ئىنساننىڭ ھايات - ماماتىنى ئىدارە قىلىدىغان پەرىشتە بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» دە : «سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئېلىشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» دېيىلگەن (32 - سۈرىنىڭ 11- ئايىتى).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئادەملەرنىڭ جېنىنى ئالىدىغان ئەجەل پەرىشتىسى.
بىز بەگنى ئەزرائىلدەك ئۆچ كۆرىدىغان بولۇپ قالدۇق.