UyghurMain Dictionary
ئەزھەر ئالىي باشقۇرۇش كومىتېتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مىسىرنىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئورگىنى بولۇپ، بۇ ئورگاننىڭ خىزمەتلىرىگە ئەزھەرنىڭ ئىمامى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. بۇ ئورگان ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى، ئىسلام تەتقىقات ئۇيۇشمىسىنىڭ تۆت نەپەر ئەزاسى، مىسىر دىنى فوند مىنىستىرلىكى، مائارىپ مىنىستىرلىكى، ئەدلىيە مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بىردىن ۋەكىلى ۋە ئالىي مەكتەپلەردە دەرس ئۆتۈش تەجرىبىسى مول ئۈچ ئۆلىمادىن تەركىب تاپقان. مەسئۇلىيىتى: ئەزھەرنىڭ ئىسلام ئىدىيىسىگە خىزمەت قىلىدىغان باش فاڭجېنىنى تۈزۈش؛ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي تۈزۈمىنى تۈزۈش؛ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئۇنىڭ ئورگانلىرىنىڭ مالىيە خام چوتىنى نازارەت قىلىش؛ ئەزھەرنىڭ ئىشلىىرنى مۇھاكىمە قىلىش، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي ئۇنىۋانىنى بېرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.