Chinese→UyghurMain Dictionary
叶序
Domain: بىئولوگىيەيوپۇرماق رېتى
يوپۇرماقنىڭ غولىدىكى تىزىلىش رېتى. بۇنىڭدا ئۈچ خىل ئەھۋال بار؛ (1) نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن يوپۇرماق رېتى. ھەر بىر بوغۇمدا بىر يوپۇرماق بولىدۇ، ھەرقايسىسى يوپۇرماقلار ئۆزئارا نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. مەسىلەن، كېۋەز، كامفورا، شاپتۇل قاتارلىقلار. (2) ئۇدۇل ئۆسكەن يوپۇرماق رېتى. بىر بوغۇمدا ئىككى يوپۇرماق بولىدۇ، ئۇلار بىر - بىرىگە ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئۆسىدۇ. مەسىلەن، كۈنجۈت، زەرۋىچ، ئوسمانتۇس گۈلى. (3) ئايلانما بولۇپ ئۆسكەن يوپۇرماق رېتى. ھەربىر بوغۇمدا ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ يوپۇرماق ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ. مەسىلەن، تالگۈل، بېلىق ئوتى، مەيلى قايسى خىل يوپۇرماق رېتى بولسۇن، ئۆزئارا قوشنا ئىككى بوغۇمدىكى يوپۇرماقلار ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ قاتلانمايدۇ، بەلكى بەلگىلىك بۇلۇڭ بويىچە گىرەلىشىدۇ. بۇ يوپۇرماقنىڭ گىرەلىشىشى دەپ ئاتىلىدۇ. يوپۇرماقنىڭ گىرەلىشىشى يوپۇرماقلارنىڭ بىر - بىرىنى توسۇۋېلىشىدىن ساقلىنىش، كۈن نۇرىنى مۇمكىنقەدەر قوبۇل قىلىشقا ماسلىشىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.
Domain: ئۇنىۋېرسالyè xù
يوپۇرماق رېتى
Dدېھقانچىلىق
yè xù
يوپۇرماق تەرتىپىDئورمانچىلىق
yè xù
يوپۇرماق رېتى، يوپۇرماق تەرتىۋىDئۆسۈملۈك
yè xù
يوپۇرماق رېتى
GetWord Corpus
Pronunciation: 8yè xù
يوپۇرماق رتى
يوپۇرماق رېتى
يوپۇرماق تەرتىپى
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.