UyghurMain Dictionary
ئەخلاقىي ئىشەنچ
پسىخولوگىيە
بۇ مۇستەھكەم ئەخلاقىي نۇقتىئنەزەردۇر، يەنە ئۇ ئەخلاقىي تەسەۋۋۇر بىلەن ئەخلاقىي ئۇقۇم بىگىزىدە ھاسىل بولىدىغان، ئەخلاقىي ھېسيات ۋە ئەخلاقىي ھەرىكەت بىلەن يېقىن باغلىنىشلىق بولغان بىر خىل ئەخلاقىي بىلىشتۇر. بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي نۇقتىئىنەزەرىنىڭ توغرىلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەندە، ھەمدە بۇ خىل نۇقتئىنەزەر ئۆز ھەرىكىتىنىڭ قىبلەنامىسىغا ئايلانغاندا ئەخلاقىي ئىشەنچ ھاسىل قىلىدۇ. ئەخلاقىي ئىشەنچ كىشىنىڭ ئەخلاقىي ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولىدىغان بىر خىل كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر. ئۇ كىشىنىڭ ئەخلاقىي ھەرىكىتىنىڭ قەتئىيلىقى ۋە ئىزچىللىقىدا، ھەتتا كەيپىياتىدا تۈرلۈك تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئەخلاقىي ئىشەنچ ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىلدۇر. ئەخلاقىي ئىشەنچ يەنىمۇ تەرەققىي قىلسا، ئەخلاقىي غايىگە ئايلىنىدۇ. ئەخلاقىي غايە كىشلەرنىڭ ئەخلاقىي ھەرىكىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.