UyghurMain Dictionary
ئەۋرەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەۋرەت، جىنسىي ئەزا، ئۇياتلىق جاي، نامەھرەمگە كۆرسىتىشكە بولمايدىغان ئەزالار. دىنىي چۈشەنچىدە: ئەرلەر ئۈچۈن كىندىكتىن تىزىغىچە بولغان قىسمى؛ خوتۇن - قىزلار ئۈچۈن جەينەكتىن بوينىغىچە ۋە بوينىدىن تۆۋەنگە بولغان قىسمى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تەننىڭ كىشىگە كۆرسىتىشكە بولمايدىغان يېرى؛ خوتۇن كىشىلەرمۇ <ئەۋرەت> دەپ ئېيتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە تەننىڭ كىشىگە كۆرسىتىشكە بولمايدىغان يېرى، يەنى ئەرلەرنىڭ كىندىكتىن تىزغىچە، ئاياللارنىڭ بىلەكنىڭ بېغىشىدىن بويۇنغىچە، بويۇندىن ئوشۇققىچە بولغان قىسمى. جىنسى ئەزا.
ئەۋرىتىنى ياپماق.