UyghurMain Dictionary
ئەۋېلىڭ
دۇنيا تارىخى
(1851 - 1898) ئەنگلىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى. ماركسنىڭ كىچىك قىزى ئېلېئانور (1855 - 1898) نىڭ ئېرى. دەسلەپتە دارۋېنىزم بىلەن ئاتېئىزمنى تەشۋىق قىلغان. 80-يىللارنىڭ بېشىدا ماركسىزمنى قوبۇل قىلغان. 1884-يىلى ئەنگلىيە سوتسىيالىزمچىلار ئتتىپاقىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. ئەنگلىيەئىشلىچىرنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتى ۋە يېڭى ئىشچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇش پائالىيىتىنى ئاكتىپ تەشىكللىگەن ۋە يېتەكچىلىك قىلغان. رېفورمىزمغا ۋە ھۆكۈمەتسىزلىككە ئۈزلۈكسىز قارشى تۇرغان. موئورې (1830 - 1912) بىلەن بىرلىكتە <كاپىتال> نىڭ بىرىنچى تومىنى ئىگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئېنگېلىسنىڭ كوررېكتورلۇقىدىن ئۆتكۈزۈپ نەشىر قىلدۇرغان. يەنە ئەدەبىيات ۋە دراما ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان.